قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلار رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى قىزغىن كۈتۈۋالدى
2014.04.29
27-ئاپرېل كۈنى ئەتىگەن قەيسەرى شەھىرى ئۇيغۇر مەھەللىسىدىكى ئۇيغۇرلار چوڭ يولنىڭ بويىغا چىقىپ تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى قىزغىن كۈتۈۋالدى.
شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشقۇرۇش ھەيئەت ئەزالىرى، ئۇيغۇر دىيارىدىن يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلار ۋە قەيسەرى مەھەللىسىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائەت ۋەكىللىرى قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى، تۈركىيەنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق قىزىل بايرىقىنى ۋە ھەر خىل مەزمۇندىكى لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن ھالدا ئايرودرومدىن شەھەرگە قاراپ كېتىۋاتقان رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئالدىغا چىقىپ قىزغىن كۈتۈۋالدى. تۈركىيە باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇ ئۇيغۇرلار توپىنى كۆرۈپ ماشىنىسىنى توختىتىپ ئۇلاردىن ھال سورىدى. بۇ ئۇيغۇرلار يىغا-زارى قىلغان ھالدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىنى، تايلاند، مالايشىيا ۋە ۋىيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەردە سەرسان بولۇپ يۈرگەن ئۇيغۇرلارنى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىشىنى ئىلتىماس قىلغان دوكلاتنى ئۇنىڭغا بەردى.
باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۇلارغا ئۆزىنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈشىنى تەكىتلىدى.
بىز نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ۋە يېڭىدىن كەلگەن، مالايشىيادا قالغان ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئابدۇراخمان ئىسىملىك ئۇيغۇر تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى كۆرۈپ قاتتىق ھاياجانلانغانلىقىنى، خىتاي رەھبەرلىرىگە خەلقنىڭ يېقىن كېلەلمەيدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇلار خەلققە زۇلۇم قىلغان بولغاچقا خەلقنىڭ ئارىسىغا كىرىشتىن قورقىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە بۇلارنىڭ دېموكراتىيە تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.