تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاڭلىتىلماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2013.12.26
turkiye-tv-media-uyghur-mesilisi.JPG تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاڭلىتىلماقتا. 2013-يىلى دېكابىر.
RFA/Erkin Tarim

ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈركىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ كۈن تەرتىپىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر بىلەن بىرلىكتە تىلغا ئېلىنىشقا باشلىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ كۆپلۈكى ۋە خەلقئارادا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ ئۇيغۇر مەسىلىسى داۋاملىق ھالدا تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىمۇ ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى. شەنبە كۈنى تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن بىرى بولغان «خابەر تۈرك» تېلېۋىزىيىسىدە تارقىتىلغان «ئۆتەكى گۈندەم»، يەنى «يەنە بىر كۈنتەرتىپ» ماۋزۇلۇق پروگراممىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كەلدى. پەلىن چىفت رىياسەتچىلىك قىلغان پروگراممىغا تۈركىيەنىڭ سابىق دۆلەت مىنىستىرى نامىق كەمال زەيبەك، داڭلىق كىنو يازغۇچىسى ئوسمان سىناۋ، داڭلىق شائىر سۈلايمان چوبانوغلۇ ۋە دۆلەت ئارخىپلىرى ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇدىرى نەجاتى گۈلتەپە قاتارلىق كىشىلەر قاتناشتى.

22-دېكابىر كۈنى ئاخشام 4 سائەت داۋاملاشقان بۇ پروگراممىدا تۈركلەرنىڭ غايىسى بارمۇ؟ ئەگەر غايىسى بار بولسا، ئۇ نېمە؟ دېگەنگە ئوخشاش تېمىلاردا مۇنازىرە بولدى. ئۇلار ئەگەر تۈركىيە كېلەچەكتە كۈچلۈك دۆلەت بولسا شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى خىتايلارنىڭ بوزەك قىلالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. «بۆرىلەر ۋادىسى» ناملىق چاتما تېلېۋىزىيە فىلىمىنىڭ يازغۇچىسى ئوسمان سىناۋ ئەپەندى ياشلار تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق تارىخى ئاڭلىتىلغان كىنولارنى كۆپ كۆرسە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى ئاشسا دۇنيادىكى قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەرگە بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئىگە چىقالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.