ئۆتكەن ئايدا قىرىم مۇستەقىللىق جاكارلاپ، رۇسىيە قىرىمنى قوشۇۋالغاندىن بۇيان ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى بىر قىسىم رۇسلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلغان ئوبلاستلاردىكى رۇس تىللىق ئاھالىلەر نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرىنىڭمۇ رۇسىيەگە قوشۇلۇشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
ئارىلىقتا رۇسىيە ئارمىيىسى شەرقىي ئۇكرائىنا چېگرالىرىغا توپلانغاندىن كېيىن، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى موسكۋانى ئاگاھلاندۇردى. مانا مۇنداق ۋەزىيەت ئاستىدا يەكشەنبە كۈنى شەرقىي ئۇكرائىنادىكى رۇس نامايىشچىلىرىنىڭ ھۆكۈمەت بىنالىرىنى ئىگىلىۋېلىش ۋە مۇستەقىللىق جاكارلاش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىدە تېخىمۇ جىددىيلىك پەيدا قىلدى.
يەكشەنبە كۈنى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى دونېتسك، لۇگان ۋە خاركوۋ ئوبلاستلىرىدىكى رۇسلار كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، دونېتسك، لۇگان ۋە خاركوۋ شەھەرلىرىدىكى ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت بىنالىرىنى ئىگىلەپ، بۇ جايلاردىكى ئۇكرائىنا دۆلەت بايرىقىنى ئېلىپ تاشلاپ، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ دۆلەت بايرىقىنى قادىغان ئىدى.
رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇس نامايىشچىلىرى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى بۇ جايلاردا ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش ئۆتكۈزۈپ، رۇسىيەگە قوشۇلۇشنى تەلەپ قىلدى. نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ھەم ئۇكرائىنالار ئارىسىدا توقۇنۇشلار كېلىپ چىقتى. بىراق، ئۇكرائىنا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋەر بېرىشىچە، خاركوۋ ۋە لۇگانسك شەھەرلىك يەرلىك ھۆكۈمەت بىنالىرى قايتۇرۇۋېلىنغان. ئەمما، دۈشەنبە كۈنى دونېتسك شەھىرىنى ھۆكۈمەت بىناسىنى ئىگىلىگەن رۇس تىللىق خەلقلەرنىڭ ۋەكىللىرى يىغىن چاقىرىپ، ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت-دونېتسك خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقى ھەمدە ئۇكرائىنادىن ئايرىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
رۇسىيەنىڭ ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇستەقىللىق جاكارلىغان مەزكۇر دونېتسك خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ بىرىنچى رەسمىي ھۆججىتىدە جۇمھۇرىيەتنىڭ ئالىي كېڭىشى قۇرۇلۇپ، جۇمھۇرىيەتنىڭ تەرەققىياتى، ئۇنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىلىرى ئومۇمىي خەلق مۇزاكىرىسى ياكى رېفېرېندۇم ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ» دەپ ئېلان قىلىنغان.
مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە، دونېتسك خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش قارارىنى چىقارغان ۋەكىللەر يەنە بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە قوشۇلىدىغانلىقى ھەققىدىكى قارارنىمۇ قوبۇل قىلغان.
رويتېرسنىڭ يېزىشىچە، رۇسىيە تەرەپدارلىرى ۋەكىللەر يەنە 5-ئاينىڭ 11-كۈنى ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش ئۆتكۈزۈپ، رۇسىيەگە قوشۇلۇشنى قارار قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۇلار يەنە رۇسىيە ھۆكۈمىتىدىن بۇ رايونلارغا تىنچلىق ساقلاش قوشۇنلىرىنى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلغان.
رۇسىيەنىڭ «نېۋسرۇ» تورىدا بايان قىلىنىشىچە، دونېتسك جۇمھۇرىيىتىنى جاكارلىغان مەزكۇر ۋەكىللەر ئۆزلىرىنى دومباس رايونىدىكى خەلقلەرنىڭ ۋەكىللىرى دەپ ئاتىغان بولۇپ، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ئەڭ چوڭ كۆمۈرچىلىك، سانائەت ۋە ئىقتىساد رايونى ھېسابلىنىدىغان مەزكۇر رايونغا ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى رۇسىيە بىلەن چېگرىداش بىر قانچە ئوبلاست كىرىدۇ.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى مەزكۇر ۋەقەلەر مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇكرائىنا ۋاقىتلىق پرېزىدېنتى ئالېكساندىر تۇرچىنوۋ بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ ھەرىكەتلەردە رۇسىيەنىڭ ئارقىدا تۇرۇۋاتقانلىقى بىلەن موسكۋانى ئەيىبلىدى شۇنىڭدەك«بۇ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان مەخسۇس ئوپېراتسىيىسىنىڭ ئىككىنچى دولقۇنىنىڭ باشلىنىشى» دەپ ئاتىدى.
«تۈنۈگۈن رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى، ئۇكرائىنانىڭ ۋەزىيىتىنى مۇقىمسىزلاشتۇرۇپ، ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى، سايلاملارنى بۇزۇپ، مەملىكىتىمىزنى پارچە-پارچە قىلىۋېتىشنى مەقسەت قىلغان مەخسۇس ھەرىكىتىنىڭ ئىككىنچى دولقۇنى باشلاندى»دەيدۇ تۇرچىنوۋ باياناتىدا.
ۋاقىتلىق پرېزىدېنت ئالېكساندىر تۇرچىنوۋ تېلېۋىزىيە نۇقتىدا يەنە «رۇسىيە نۆۋەتتە قىرىم سېنارىيەسىنى ئويناۋاتىدۇ، بىز بۇنىڭغا يول قويمايمىز» دېدى. ئۇ، ئۆزىنىڭ لىتۋاغا ئېلىپ بارماقچى بولغان زىيارىتىنى بىكار قىلغان.
دۈشەنبە كۈنى ئۇكرائىنا ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى ئارسېنىي ياتسېنوك بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەپەرەست ئاكتىپلارنىڭ جۇمھۇرىيەتنىڭ بۇ شەھەرلىرىنىڭ ھۆكۈمەت بىناسىنى ئىگىلىۋېلىشى دۆلەتنى مۇقىمسىزلاشتۇرۇپ، بۇ يەرگە رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرىنى باشلاپ كېلىش پىلانىنىڭ بىر قىسمى دەپ باھالىغان.
رۇسىيەنىڭ «ئىتار-تاس» ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، ئالېكساندىر تۇرچىنوۋ ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ۋەزىيەتكە قارىتا قەتئىي ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقى، ھەتتا كۈچ ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە «كرىزىسقا قارشى شتاب» قۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇكرائىنادىكى جىددىي ئۆزگىرىشكە قارىتا، چېخىيە پرېزىدېنتى مىلاش زېمان پىكىر بايان قىلىپ، ئەگەر رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرسە، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئۆز قوشۇنلىرىنى ئۇكرائىنا تېررىتورىيىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئەگەر رۇسىيە شەرقىي ئۇكرائىناغا قارىتا زېمىن كېڭەيمىچىلىكى قىلسا، بۇ چاقچاق بىلەن ئاخىرلىشىدۇ، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا مەن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا رۇسىيەگە قارىتا كەڭ چوڭ ۋە قاتتىق جازا قوللىنىش تەكلىپى بېرىپلا قالماستىن بەلكى يەنە ناتو قوشۇنلىرىنىڭ ئۇرۇش تەييارلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى، مەسىلەن، قوشۇنلارنى ئۇكرائىنا تۇپرىقىغا كىرگۈزۈشىنى تەشەببۇس قىلىمەن» دېگەن.
مەلۇمكى، ناتو ئالدىنقى ھەپتىدە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا كېڭەيمىچىلىك قىلىشىغا تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىپ، شەرقىي ياۋروپادىكى مۇداپىئەنى كۈچەيتىشنى قارار قىلغان ھەمدە ئامېرىكا تەرەپ رۇسىيەدىن ئۇكرائىنا چېگراسىدىن قوشۇن چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇكرائىنا چېگراسىدىن تەخمىنەن 19 مىل يىراقلىقتا 30 مىڭدىن ئارتۇق رۇسىيە قوشۇنى جايلاشقان بولۇپ، مۇستەقىللىق جاكارلىغان دونېتسك رايونى رۇسىيە قوشۇنلىرىغا يېقىن جايلاشقان ئىدى.