پرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىن 24-ئىيۇن كۈنى رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ يۇقىرى پالاتاسى، يەنى فېدېراتسىيە كېڭىشىدىن پرېزىدېنتقا بەرگەن ئۇكرائىناغا ئەسكەر ئەۋەتىش ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىشنى تەلەپ قىلدى.
پۇتىننىڭ بۇ قارارى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى شۇنىڭدەك تەھلىلچىلەر بۇنى رۇسىيەنىڭ غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى داۋاملىق ناچارلاشتۇرۇشنى خالىمايدىغانلىقى بىلەن باغلاپ تەھلىل قىلدى. پۇتىننىڭ قارارى كۆپ تەرەپنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.
ۋلادىمىر پۇتىن بۇ يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنى قىرىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇكرائىنا كرىزىسى باشلانغاندىن كېيىن، پارلامېنت يۇقىرى پالاتاسى، يەنى فېدېراتسىيە كېڭىشىدىن زۆرۈر بولغاندا ئۇكرائىناغا ھەربىي قوشۇن كىرگۈزۈپ، ئۇ يەرلەردىكى رۇس قېرىنداشلىرىنى قوغداش ھوقۇقى بېرىشنى تەلەپ قىلغان، نەتىجىدە فېدېراتسىيە كېڭىشى پۇتىننىڭ مەزكۇر تەلىپىنى تەستىقلىغان ئىدى.
رۇسىيەنىڭ ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت پۇتىننىڭ مەتبۇئات باياناتچىسى دمىترىي پېسكوفنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سەيشەنبە كۈنى پرېزىدېنت پۇتىن ئاۋسترىيە سەپىرىنى باشلاش ئالدىدا فېدېراتسىيە كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋالېنتىنا ماتۋىيېنكوغا خەت ئەۋەتىپ، ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنى نورماللاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇش شۇنىڭدەك بۇ مەسىلە بويىچە ئۈچ تەرەپ سۆھبىتىنى باشلاشنى مەقسەت قىلىپ، فېدېراتسىيە كېڭىشىنىڭ 1-مارتتىكى قارارىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
تەرەپلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى
پۇتىننىڭ بۇ قارارىدىن كېيىن، ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى پېتر پوروشېنكو پۇتىننىڭ ھەرىكىتىنى ماختاپ، بۇنى ئۇنىڭ شەرقىي ئۇكرائىنادىكى، يەنى دومباستىكى ۋەزىيەتنى ھەل قىلىش بويىچە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تىنچلىق پىلانىنى قوللىغاندىن كېيىنكى «تۇنجى ئەمەلىي قەدەم»، دەپ باھالىغان.
پرېزىدېنت پۇتىن ئۇنىڭ ئالدىدا پېتىر پوروشېنكونىڭ شەرقىي ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىر ھەپتە ئۇرۇش توختىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تىنچلىق پىلانىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئاقساراي باياناتچىسى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ مەزكۇر قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى پۇتىننىڭ بۇ قارارىنى قارشى ئالدى. بىراق، ياۋروپا ئىتتىپاقى پۇتىننىڭ رۇسىيە فېدېراتسىيە كېڭىشىگە يوللىغان بۇ تەلىپىنىڭ تېزدىن ئەمەلگە ئېشىشىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، پۇتىننىڭ بۇ تەلىپىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن فېدېراتسىيە كېڭىشىنىڭ بىر قانچە كومىتېتى بىرلىكتە قارار بېرىدىكەن. ئەمما، بۇ قارار قاچان چىقىدۇ، تېخى ئېنىق ئەمەس.
شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىمۇ تېز ئىنكاس قايتۇرۇپ، پۇتىننىڭ بۇ قارارىنى يۇقىرى باھالىغان. ناتو ۋەكىلى ئوئاننا لۇڭسكۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، «بىز پرېزىدېنت پوروشېنكونىڭ بۇ قارارنىڭ ئۇكرائىنا كرىزىسنى ھەل قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك رۇسىيە تەرەپتىن بېسىلغان بىرىنچى ئەمەلىي قەدەم ئىكەنلىكى ھەققىدىكى قارىشىغا قوشۇلىمىز» دېگەن.
رۇسىيەپەرەس كۈچلەرمۇ قارشى ئالدى
رۇسىيە ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەرقىي ئۇكرائىنادىكى مۇستەقىللىق جاكارلاپ، رۇسىيەگە قوشۇلۇشنى ئارزۇ قىلغان دونېتسك ۋە لۇگانسك قاتارلىق جايلاردىكى رۇسىيەپەرەس كۈچلەرمۇ پۇتىننىڭ رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرىنى ئۇكرائىناغا كىرگۈزۈش ھەققىدىكى قارارىنى بىكار قىلىشىنىڭ دۇرۇس قەدەم ئىكەنلىكىنى، بۇ قارارنىڭ توقۇنۇشنى تىنچلاندۇرۇش قەدىمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ئۆزلىرىنى دونېتسك خەلق جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتىغان، مەزكۇر جۇمھۇرىيەتنىڭ رەھبەرلىرى تىنچلىق پىلانىغا قوشۇلۇپ، 27-ئىيۇنغىچە ئۇرۇش توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
دونېتسك جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئاندرېي پۇرگۇن ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىغا بايانات بېرىپ، پۇتىننىڭ قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۈگۈنكى بۇ قارار توغرا قاراردۇر. ئۇ جىددىيلىكنى پەسەيتىش رولىنى ئوينايدۇ. بۇ توقۇنۇشنى تۈگىتىش قەدىمىدۇر» دېگەن.
«نېۋس.رۇ» تورىنىڭ يېزىشىچە، ھەتتا چېچېنىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى رامزان قادىروفمۇ پۇتىننىڭ مەزكۇر قارارىنى قارشى ئېلىپ، ئۇنىڭغا يۇقىرى باھا بەرگەن.
ئوباما پۇتىننى كىيېف بىلەن ھەمكارلىشىشقا چاقىرغان
رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن سەيشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ ئۇكرائىناغا ھەربىي قوشۇن كىرگۈزۈش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىش قارارىنى چىقىرىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى، يەنى دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما پۇتىن بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ، ئۇنىڭ ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى پوروشېنكونىڭ جىددىي ۋەزىيەتنى ھەل قىلىش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇرۇش توختىتىش پىلانىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىدە كىيېف بىلەن يېقىن ھەمكارلىشىشىنى تەلەپ قىلغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاقساراي باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، پرېزىدېنت ئوباما پرېزىدېنت پۇتىن بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ، ئۇنىڭدىن رۇسىيەپەرەس كۈچلەرگە بېسىم كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ بىر ھەپتە ئۇرۇش توختىتىشىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ھەمدە رۇسىيەدىن ئۇكرائىناغا قورال ئەۋەتىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.
ئوباما، پۇتىنغا سۆز بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولۇشى لازىملىقىنى، ئەگەردە ۋەزىيەت تەلەپ قىلسا، ئامېرىكىنىڭ ئۆز ئىتتىپاقچىلىرى ۋە ھەمكارچىلىرى بىلەن بىرلىكتە يېڭى ئېمبارگو قوللىنىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
پۇتىننىڭ قارارىدىن ئىلگىرى يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ پۇتىننىڭ پوروشېنكونىڭ تىنچلىق پىلانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ماسلىشىشى، ئۇنداق بولمىغاندا رۇسىيەگە قارىتا يېڭى ئېمبارگو قويىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.
رۇسىيەدىكى ئىنكاسلار
پۇتىننىڭ رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ يۇقىرى پالاتاسىغا سۇنغان مەزكۇر قارارى پارلامېنتنىڭ تۆۋەن پالاتاسىدا ئىنكاس قوزغىدى. رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدىن ئىتار-تاسسنىڭ يېزىشىچە، تۆۋەن پالاتا، يەنى دۇمادىكى بىر قىسىم پارتىيە ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ مەيدانىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇلار ئۇكرائىناغا قارىتا قوراللىق كۈچ ئىشلىتىش قارارىنى بىكار قىلىش رۇسىيەنىڭ غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاش ئۈچۈن بولۇشى كېرەك، دەپ قارىغان.
ئەمما، رۇسىيە كوممۇنىستلار پارتىيەسى بولسا پۇتىننىڭ قارارىغا سەلبىي قاراشتا بولغان. رۇسىيە كومپارتىيەسىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسى، دۇمانىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىۋان مېنشىكوۋ «رۇسىيە كوممۇنىستلار پارتىيەسى مۇنداق قارارنى دەل ۋاقتىدا بولدى دەپ قارىمايدۇ» دەپ بىلدۈرۈش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ قوشۇلماسلىق مەيدانىنى ئىپادە قىلغان.
رۇسىيە پرېزىدېنت مەمۇرىيىتىنىڭ باشلىقى سېرگېي ئىۋانوۋ بولسا، پۇتىننىڭ قارارىغا چۈشەنچە بېرىپ، «بىز تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىكنى ھېسابقا ئالدۇق» دەپ كۆرسەتكەن.
نۆۋەتتە، ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى بىلەن رۇسىيەپەرەس كۈچلەر ئارىسىدا سۆھبەت كېتىۋاتقان بولۇپ، تىنچلىق سۆھبىتىگە ئۈچ تەرەپ قاتناشقان. يەنى، سۆھبەت سابىق ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى لېئونېد كۇچما، رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋەكىلى ۋە شەرقىي ئۇكرائىنادىكى رۇسىيەپرەس كۈچلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئارىسىدا بولماقتا. ئۇرۇش 27-ئىيۇن كۈنىگىچە توختىغان.