ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى 2018-يىلنى بىرلىكتە كۈتىۋالدى
2018.01.01

2017-يىلنىڭ ئاخىرقى كېچىسى ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھرى ۋە ئۇنىڭغا يېقىن جايلاردىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىر يەرگە جەم بولۇپ، يېڭى يىلنى بىرلىكتە كۈتىۋالدى. ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرى بىلەن جانلانغان يېڭى يىللىق سورۇندا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر سۆز قىلىپ، يېڭى يىلنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يېڭى ئۈمىدلەردىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈن ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولىدىغان كوللىكتىپ پائالىيەت ھەرقاچان خوشاللىق، تەنتەنە، دىدارلىشىش ۋە ئۇيغۇرلۇق تۇيغۇسىدىن تۇغۇلىدىغان ئىپتىخارلىق ھېسلىرى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كېتىدۇ. 2017-يىلى 31-دېكابىر كەچلىكى ۋاشىنگتون شەھرىدىن ئانچە يىراق بولمىغان فالس چېرچ شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن يېڭى يىللىق پائالىيەت سورۇنى بۇ نۇقتىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئاممىۋىي تەشكىلاتى بولغان «ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى» بىۋاستە تەشكىللىگەن بۇ پائالىيەت ئۆتكەن يىللاردىكىگە ئوخشاش كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنى، جۈملىدىن كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلغانلىقى مەلۇم. بۇ قېتىمقى يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى ئۈچۈن تەييارلانغان زالمۇ تېزلا ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن تولۇپ، بالىلارنىڭ خوشال كۈلكىلىرى بىلەن بىراقلا ئاۋاتلىشىپ كەتتى.
بۇ يىلقى پائالىيەت كەچ سائەت سەككىزدە باشلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن ئالاھىدە يېمەكلىك بۇيرۇتۇلمىغان ئىدى. ئەمما بىر قىسىم ئۇيغۇر ئائىلىلىرى خالىس تەييارلاپ كەلگەن ئۇيغۇرچە يېمەكلىكلەر ئۇيغۇرلارنىڭ پىداكارلىقىنى شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلاردىكى ھەمدەرتلىك روھىنى مەلۇم دەرىجىدە ئەكس ئەتتۈرۈش بىلەن بىرگە پائالىيەتكە يېڭى مەزمۇن قوشتى.
يىغىلغان جامائەت بىرەر قۇر جايلىشىپ، غىزاغا ئېغىز تېگىپ بولغاندا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىىسى ئېلشات ھەسەن بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. شۇنىڭدەك كۆپچىلىكنى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تۇنجى مەزمۇنى بولغان «شەرقىي تۈركىستان دۆلەت شېئىرى» غا ئېھتىرام بىلدۈرۈشكە چاقىردى. شۇنىڭدىن كېيىن ھەممەيلەن ھاياجان ئىچىدە ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ «شەرقىي تۈركىستان دۆلەت شېئىرى» نى بىرلىكتە ئوقۇدى.
شۇنىڭدىن كېيىن ئېلشات ھەسەن سۆز ئېلىپ، بۈگۈنكى پائالىيەت ئۈچۈن ئالاھىدە قەدەم تەشرىپ قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنى سۆزگە تەكلىپ قىلدى.
رابىيە قادىر خانىم سەھنىگە چىقىپ ئالدى بىلەن كۆپچىلىكنىڭ يېڭى يىلىنى قۇتلاش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ ھازىر «شەرقىي تۈركىستان دۆلەت شېئىرى» ئوقۇغان ۋاقىتتىكى ھېس-تۇيغۇلىرىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە تارىختىكى ئەڭ خەتەرلىك ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.
ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى بۇنچە يامانلىشىپ كېتىۋاتقان ئەھۋالدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىدىن داۋاملىق شەپقەت كۈتۈشنىڭ بىھۇدە ئارزۇ بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
ئارقىدىن ئېلشات ھەسەن سۆزگە چىقىپ، ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنىدە ھەممىلا نەرسىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋالدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بارلىققا كەلگەن نەتىجىلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى. شۇ قاتاردا ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاچقۇچى بولغان ئانا تىل ساھەسىدە قولغا كېلىۋاتقان ئۇتۇقلارغا يۇقۇرى باھا بەردى.
ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتكەن ناخشا ۋە مۇزىكىمۇ بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە تېگىشلىك ئورۇن ئالدى. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى بۈگۈنكى يېڭى يىللىق پائالىيىتى ئۈچۈن تەييارلىغان سەنئەت نومۇرلىرىدىن ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل زالدىكىلەرنى ھاياجانغا سالدى. شۇ قاتاردا ياشلار «گۈل ئۇسسۇلى» ئوينىغاچ قىزىل گۈلنى رابىيە قادىر خانىمغا تەقدىم قىلغاندا پۈتۈن زالدا ئالقىش سادالىرى كۆتۈرۈلدى.
پائالىيەت ئاخىرىدا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇ خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۆز-ئۆزىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرەلەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
كېچە سائەت قوڭغۇرىقى نۆلگە يېقىنلاشقاندا كۆپچىلىك بىرلىكتە تەتۈر ساناق ساناپ يېڭى يىلنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى.