«مەن ئۇيقۇدىن بىدار: ئۇيغۇرلار ۋەتىنىگە ئېھتىرام» ناملىق فوتو سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى نيۇيوركتا باشلاندى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2019.01.18
Men-Uyqudun-Bidar-Korgezme-Newyork-2018-04.jpg نيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلگەن «مەن ئۇيقۇدىن بىدار: ئۇيغۇرلار ۋەتىنىگە ئېھتىرام» ناملىق فوتو سۈرەتلەر كۆرگەزمىسىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 17-يانۋار. نيۇيورك، ئامېرىكا.
Photo: RFA

ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىنىڭ سەركىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىشى دۇنيا جامائەتچىلىكىدە زور ئەندىشە قوزغاۋاتقان بىر پەيتتە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئاھۇ-زارى ۋە ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىق پەقەت تاراتقۇلار ئارقىلىقلا ئەكس ئېتىپ قالماي، بەلكى سەنئەتنىڭ تۈرلۈك شەكىللىرىدە، يەنى كۆرگەزمىلەر ۋە ئەسەرلەر ئارقىلىقمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپماقتا. بۈگۈن نيۇيوركتىكى مىياكو يوشىناگا كۆرگەزمىخانىسىدا ئېچىلىشقا باشلىغان لىسا رۇس خانىمنىڭ فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

مەزكۇر كۆرگەزمىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىغا رۇبىن ھازىرقى زامان گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى، بۆس ئامېرىكا سەنئەت ئارخىپخانىسى قاتارلىق ئورۇنلار ۋە فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇسسۇلچى ۋە سەنئەت ئانتروپولوگى مۇقەددەس مىجىت خانىم، نيۇيوركتىكى مۇزىكانت ئانتونىيو قاتارلىقلار يېقىندىن ھەمكارلاشقان.

كۆرگەزمە باشلىنىش ئالدىدا فوتوگراف لىسا رۇس خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:

«‹مەن ئۇيقۇدىن بىدار› دېگەن تېمىنى مەزكۇر كۆرگەزمە ئۈچۈن تاللىشىمدا سەۋەب بار، چۈنكى مەن ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدىكى ۋەزىيەتتىن بىئارام، دوستۇم داڭلىق ئۇيغۇر فولكلورشۇناس راھىلە داۋۇت ۋە باشقا نۇرغۇن ئۇيغۇر سەنئەتكار، زىيالىيلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلىشى ۋە بۇ خىل قىسمەتكە ئۇچراۋاتقانلارنىڭ كۈندىن كۈنگە كۆپىيىشى مېنى ھەقىقەتەن ئۇيقۇدىن بىدار قىلدى. مەن ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن چوڭقۇر ئەندىشىلەنمەكتىمەن، ئۇلارغا بولغان سېغىنىشىمنى، ئەندىشەمنى قانداق شەكىلدە ئىپادىلەش، قانداق قىلسام ئۇلارغا ياردەم قىلالايمەن دېگەنلەر ئۈستىدە كۆپ ئويلاندىم. ئاخىرى دوستلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە ئۆزۈم ئىلگىرى تۇرپاندا تارتقان بىر قىسىم سۈرەتلىرىمنى رەتلەپ بۇ كۆرگەزمىنى روياپقا چىقاردۇق.»

لىسا خانىم كۆرگەزمىگە قويۇلغان فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىدە ئاساسلىق نېمىلەر ئىپادىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «مەن كۆرگەزمىگە كىرگەن يەردىكى ئۇدۇل تامنى بىر كىرىشتۈرمە چوڭ فوتو سۈرەت بىلەن بېزىدىم. بۇ نەچچە يۈز پارچە سۈرەتلەردە راھىلە داۋۇتنىڭ ئەينى چاغدا ئۇيغۇر ئېلىدە فولكلور تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىۋاتقان چاغلىرىدىكى سۈرەت تارتىۋاتقان قىياپىتى تەسۋىرلەندى. مەن ئۇنىڭ نەچچە يۈزلىگەن كوپىيەسىدىن بۇ ئەسەرنى ياساپ چىقتىم. بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭغا بولغان سېغىنىشىمنى ئىپادىلىدىم. باشقىلىرى كارىۋاتتىكى ئايال ۋە بالىلار، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيقۇدىكى ۋە ئويغانغان چاغلىرى سۈرەتلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ چۈشى ئارزۇلىرى ئىپادىلىنىدۇ، بۇ سۈرەتلەرنى كۆرگۈچىلەر ئۇلار نېمىلەرنى چۈش كۆرۈۋاتقاندۇ ؟ نېمىلەرنى چۈشەشنى خالايدىغاندۇ ؟ دېگەندەك ئويلارغا كېلىشى مۇمكىن.» 

لىسا خانىم يەنە ناھايىتى كىچىك پېئىللىق ۋە تەكەللۇپ بىلەن مۇنداق دەيدۇ: «مەن بۇ كۆرگەزمىنى ھەرگىزمۇ يالغۇز ۋۇجۇدقا چىقىرالمايتتىم، كۆرگەزمىگە تاماشىبىنلارنىڭ كۆرۈش تۇيغۇسىنى غىدىقلاشتىن باشقا يەنە چوڭقۇر ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئويغىتىش ئۈچۈن ئۇنىۋېرسال سەنئەت شەكلىنى كىرگۈزدۇق. بۇنىڭغا نۇرغۇن دوستلىرىمىز ياردەملەشتى، بولۇپمۇ مۇقەددەس مىجىت خانىمنىڭ ئىدىيىسى ۋە ياردىمى زور بولدى. مەن مۇقەددەس خانىم بىلەن ھەمكارلىقىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشنى ۋە يەنىمۇ گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى ئۈستىدە بىرلىكتە ئىشلەشنى ئارزۇ قىلىمەن.»

3 كۈن ئاۋۋال نيو-يوركقا يېتىپ كەلگەن ياش ئۇسسۇلچى، فىلىم ئىشلىگۈچى ۋە ئانتېرپولۇگ مۇقەددەس خانىم كۆرگەزمىدە تاماشىبىنلارغا ئۇسۇل ۋە باشقا سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، كۆرگەزمىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن ئۇ كېچە كۈندۈز جاپالىق تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىكەن. مۇقەددەس مىجىت خانىم ئۆزىنىڭمۇ لىسا خانىمنىڭ بۇ كۆرگەزمە پىلانىنى ئاڭلاپلا ئىنتايىن قىزىققانلىقى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش پۇرسىتى بولغانلىقىدىن ئۆزىنىڭمۇ ئىنتايىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار دۇنيانىڭ قىزىق نۇقتىسى بولۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا نۇرغۇن كىشىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشى بىلمەيدۇ، بۇ فوتو سۈرەتلەرنىڭ ئۆزىنىلا قويۇپ قويغاندا كۆرۈش سەنئىتى بىلەنلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىپادىلەپ بېرەلمەسلىكى مۇمكىن. بىز بۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ شېئىرىيەت، مۇزىكا، ناخشا ۋە ئۇسۇل قاتارلىق ئۇنىۋېرسال سەنئەتلىرىنى قوشۇپ ئىپادىلەش ئارقىلىق ئابستراكت نەرسىلەر بىلەنمۇ كۆرگۈچىلەردە تېخىمۇ ئىنچىكە تەسىرات پەيدا قىلىشنى مەقسەت قىلدۇق. بىز بۇنىڭدا بولۇپمۇ سۆيۈملۈك سەنئەتكارلىرىمىزدىن ناخشىچى سەنۇبەر تۇرسۇن، شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت، يازغۇچى پەرھات تۇرسۇن قاتارلىقلارنىڭ ئىجادىي ئەسەرلىرىدىن پايدىلىنىپ ھازىرقى زامان ئېلېمېنتلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى ۋە ۋەزىيىتىنى ئۇنىۋېرسال شەكىلدە تېخىمۇ ھېسسىياتلىق ئىپادىلەپ كۆرسىتىدىغان بۇ يېڭى ئەسەرلەرنى ئىشلەپ چىقتۇق.» 

نيۇيوركتا-17 يانۋاردىن باشلاپ ئېچىلىشقا باشلىغان «مەن ئۇيقۇدىن بىدار: ئۇيغۇرلار ۋەتىنىگە ئېھتىرام» ناملىق فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى 23-يانۋارغا قەدەر داۋام قىلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.