ئىستانبۇل ئايرودرومىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ئەركىنلىككە چىقتى
2019.01.02

ئىستانبۇل ئايرودرومىدا 70 كۈندىن بۇيان تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 11 نەپەر ئۇيغۇر 12-ئاينىڭ 29 -كۈنى قويۇپ بېرىلىپ، تۈركىيەگە رەسمىي كىردى.
خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ تايلاندقا كەلگەندە تۇتۇلۇپ قالغان، كېيىنچە تايلاند تۈرمىسىدىن قېچىپ مالايسىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەن 11 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىر ئۆتكەن يىلىنىڭ ئۆكتەبىر ئايلىرىدا ئىستانبۇل ئايرودرومىدا تۇتۇپ قېلىنغان ئىدى. ئۇلار ئىستانبۇل ئايرودرومىدا 70 كۈندىن ئارتۇق تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن، 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 29 -كۈنى ئەركىنلىككە چىقتى ۋە تۈركىيەگە كىرىشى ئۈچۈن رۇخسەت بېرىلدى.
يېڭىدىن قويۇپ بېرىلگەن 11 ئۇيغۇرنىڭ ئارىسىدىكى ھەسەنجان ئىمام ئىسىملىك ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن كەچۈرمىشلىرىنى، ھايات ھېكايىلىرىنى، زۇلۇمدىن قۇتۇلۇش يولىدا تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى ۋە شۇنداقلا تۈركىيەگە كېلىپ ئەركىنلىككە چاققاندىن كېيىنكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى.
ئۇ ئالدى بىلەن ئۆزلىرىگە ياردەمدە بولغان بارلىق ئورگان ۋە شەخسلەرگە رەھمەت ئېيتتى.
تۈركىيە «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى پەخرىدىن يۇقۇش ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇقنى تەكشۈرۈش كومىتېتىدا بۇ ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى كۆچمەنلەر ئىشلىرى ئىدارىسىگە مەكتۇپ يوللاپ، «بۇنىڭدىن كېيىن چېگرادا تۇتۇپ قېلىنغان شەرقىي تۈركىستان تۈركلىرى زىيارەت قىلىنىدۇ، مەسىلىلىرى ئۆز ئورنىدا كۆزىتىلىدۇ، سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىنىدۇ ۋە بۇنىڭدىن تېزدىن بىر نەتىجە چىقىرىش تەلەپ قىلىنىدۇ،» دېيىلگەن.
«ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى پەخرىدىن يۇقۇش ئەپەندى 29-دېكابىر كۈنى ئەنقەرەدە ئېچىلغان «دۇنيا تۈرك بىرلىكى» يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودرومىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 11 نەپەر ئۇيغۇر توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئىستانبۇل ئايرودرومىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 11 نەپەر ئۇيغۇر توغرىسىدا كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسىگە تەكلىپ سۇندۇم شۇنداقلا ھۆكۈمەتكە رەسمىي ئىلتىماس قىلدىم. ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ماڭا كەلگەن جاۋابتا ئۇلار ئۇيغۇر، ئەمما باشقا دۆلەتنىڭ پاسپورتلىرى بىلەن كېلىپتۇ دېدى. ئۇلار ئەلۋەتتە ئۆز دۆلىتىنىڭ پاسپورتى بىلەن كېلەلمەيدۇ، خىتاي ئۇلارغا پاسپورت بەرمەيدۇ دېدىم.»
پەخرىدىن يوقۇش ئەپەندى سۆزىدە يەنە بۇ مەسىلىنى پارلامېنتتا ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «مەن بۇ مەسىلە توغرىسىدا پارلامېنتتا شۇنداق دېدىم: بۇ دۆلەتكە تۆت مىليون سۈرىيەلىك خالىغانچە كىرىپ چىقىدۇ، مېنىڭ قانداشلىرىم ئىككى ئايدىن بۇيان ئايرودرومدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ. بۇ قانداق مۇسۇلمانلىق، قانداق ئىنسانلىق؟ قەيەردە بولۇشتىن قەتئىينەزەر، ھەر بىر تۈركنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدە ياشاش ھەققى بار. ئۇلار بۇ دۆلەتكە كېلىدۇ.»
«يېڭى چاغ» گېزىتىنىڭ 29-دېكابىر كۈنى تارقاتقان خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، «ئىي» پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇل شۆبىسى رەئىسى بۇغرا كاۋۇنجى ئەپەندى مەزكۇر 11 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئىككى ئايدىن ئارتۇق تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئۇ «ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ 4 مىليون سۈرىيەلىك كۆچمەنلەرچىلىك قەدىر-قىممىتى يوقمۇ؟» دېگەندەك سوئاللارنى قويۇپ ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلغان.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇر قانداشلىرىمىزنىڭ دۆلىتىمىزدە ياشاۋاتقان 4 مىليونغا يېقىن سۈرىيەلىك كۆچمەنلەردىن، ئافغانىستان كۆچمەنلىرىدىن زادى نېمە پەرقى بار؟ ئۇيغۇر قانداشلىرىمىزنىڭ نەچچە يىللاردىن بۇيان تۈركىيەدە مېھمان بولۇپ ياشاۋاتقان، تەلىم-تەربىيە، سالامەتلىك ۋە قاتناش قاتارلىق ھەر تۈرلۈك ئېھتىياجلىرى دۆلەتنىڭ باجلىرىغا تايىنىپ تەمىنلىنىۋاتقان سۈرىيەلىك پاناھلانغۇچىلاردەك قەدىر-قىممىتى يوقمۇ؟ ئەگەردە بۈيۈك تۈرك دۆلىتىنىڭ ئىمكانىيەتلىرى بۇ 11 ئۇيغۇر قانداشلىرىمىز ئۈچۈن يېتەرلىك بولمىسا، بىز ئىيى پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇ قانداشلىرىمىزنى ئۆيلىرىمىزدە مېھمان قىلىپ، ئۇلارنىڭ تەلىم-تەربىيە، سالامەتلىك ۋە تۇرالغۇ ئۆي ئېھتىياجلىرىنى قامداشقا تىرىشىمىز ھەمدە بۇنىڭدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىمىز بىلدۈرىمىز.»
«ئىي» پارتىيەسى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ رەئىسى بۇغرا كاۋۇنجى ئەپەندى سۆزىدە يەنە بۇ ئۇيغۇرلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ مۇنداق دېگەن: «تۈرك دۆلىتىدىن ۋە ھۆكۈمىتىدىن بۇ ناھەقچىلىكنىڭ دەرھال ھەل بولۇشىنى، ئۇيغۇر قانداشلىرىمىزنى كۆز ئالدىمىزدا قاراپ تۇرۇپ ئۆلۈمگە تاشلاپ بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلىمىز.»