شەرقىي تۈركستانلىق ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىدە ياۋرۇپانىڭ مەيدانى

0:00 / 0:00


خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىي ۋە دىنىي زۇلۇمىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ جىق ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك خەتەرلىك يوللارغا تەۋەككۈل قىلىپ چەتئەللەرگە ھىجرەت قىلىۋاتقانلىقى ۋە بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ ئوخشىمايدىغان تەقدىر - قىسمەتلەرگە دۇچار بولۇۋاتقانلىقى تونۇشلۇق بىر مەسىلىگە ئايلاندى.

مەلۇم بولغاندەك، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەخسۇس رامىزانلىق چەكلىمە ۋە باستۇرۇشلىرى تېخىمۇ يۇقىرى بىر باسقۇچقا چىقتى، كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ يەنىمۇ زور شەرقىي تۈركستانلىق ئۇيغۇر مۇساپىرلار دولقۇنىنى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىنلىكىنى قىياس قىلماقتا.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز، شەرقىي تۈركستانلىق ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى ۋە بۇنىڭدا ئۇتتۇر ئاسىيا ۋە ياۋرۇپا ئەللىرىنىڭ مەيدانى ۋە تەدبىرلىرى قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، گېرمانىيىدىكى ئەسقەرجان ئەپەندىنى سۆھبەتكە تەكلىپ قىلدۇق.

يوقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ ئەسقەرجان ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلايسىلەر.