تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تايىپ ئەردوغان 17 - ماي يەكشەنبە كۈنى تۈركىيەنىڭ قەيسەرى ۋىلايىتىگە كەلدى. قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن يۈزلىگەن ئۇيغۇر قولىدا تۈركىيەنىڭ بايرىقى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى كۆتۈرگەن ھالدا ئەردوغان ئۆتىدىغان يولنىڭ بويىغا چىقىپ قىزغىن كۈتۈۋالدى.
سېيىت تۈمتۈركنىڭ ئېيتىشىچە بۇ كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىگە قەيسەرىگە بۇرۇن كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلاردىن سىرت 2014 - يىلى تايلاند ۋە مالايشىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇر مۇساپىرلارمۇ قاتناشقان. ئۇلار بۇ كۈتۈۋېلىش ئارقىلىق تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ باش مىنىستىر ۋاقتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تايلاند ۋە مالايشىيادىن ئېلىپ كېلىنىشىگە قىلغان ياردىمىگە رەھمەت ئېيتقان.
شۇنداقلا سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ يېنىغا بېرىپ رەخمەت ئېيتقاندىن سىرت بەزى يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. قارشى ئېلىش پائالىيىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تايىپ ئەردوغان بىلەن بىللە قەيسەرىگە كەلگەن بەزى مىنىستىرلار بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن.
تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تايىپ ئەردوغان 17 - ماي كۈنى تۈركىيەنىڭ قەيسەرى ۋىلايىتىدە كۆپ ساندا كارخانا، دوختۇرخانىلارنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ نۇتۇق سۆزلىگەن. 17 - ماي كۈنى ئاخشام زىياپەت بەرگەن، زىياپەتكە قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ تەكلىپ بويىچە قاتناشقان.
0:00 / 0:00