ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بۇ يىلمۇ بىر يەرگە جەم بولۇپ قۇربان ھېيت نامىزىنى بىرگە ئوقۇدى ھەمدە بىر-بىرىنىڭ ئايىمىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دۇئاغا قول كۆتۈردى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مويسىپىتلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە ئەركىن ئالىپ تېكىن ئەپەندى رادىيومىز ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدە ئىزتىراپ چېكىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئۆزلىرىنىڭ قۇربان ھېيتلىق سالام يوللىدى.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈن ھەر يىلقى قۇربان ھېيت نامىزى تولىمۇ ھاياجانلىق دەقىقىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ كۈندە ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ ھېيت نامىزىنى بىرلىكتە ئوقۇپلا قالماستىن، يەنە مۇھاجىرەتتىكى مۇساپىرلىق ھاياتىدا كەم نېسىپ بولىدىغان ئۇيغۇرلۇق تۇيغۇسىدىن بىرلىكتە ھۇزۇرلىنىدۇ. بۈگۈنكى 2017-يىللىق قۇربان ھېيت نامىزىمۇ شۇنداق بولدى.
ئامېرىكىنىڭ ۋىرگىنىيە ۋە مارىلاند شتاتى، شۇنىڭدەك بۇ جايلارغا قوشنا رايونلاردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتى بۈگۈن سەھەر فايرفاكس شەھىرىدىكى «بېست ۋېستېرن» مېھمانخانىسىنىڭ زالىغا يىغىلىپ، ۋىرگىنىيەدىكى ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرىدىن نۇردۇن ھاجىمنىڭ ئىمامەتچىلىكىدە قۇربان ھېيت نامىزىنى بىرلىكتە ئوقۇدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى بىۋاسىتە تەشكىللىگەن بۈگۈنكى قۇربان ھېيت نامىزى گەرچە ئامېرىكىدىكى نورمال خىزمەت كۈنلىرىدىن بولغان جۈمە كۈنىگە توغرا كەلگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كۆپ قىسمى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن بىرلىكتە ھېيت نامىزىغا جەم بولدى.
ھېيتلىق نامازدىن كېيىن جامائەت ۋەتەندىكى قاتمۇ-قات سىياسىي بېسىملار تۈپەيلىدىن تەشۋىش ئىچىدە ھېيت ئۆتكۈزۈۋاتقانلار، شۇنىڭدەك تۈرمىلەردە ھېيت خۇشاللىقىدىن مەھرۇم قىلىنغانلار ئۈچۈن نۇردۇن ھاجىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە بىرلىكتە دۇئا قىلدى.
نامازدىن كېيىنكى تەبلىغ نۇتقىدا نۇردۇن ھاجىم سۆز قىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۆملۈك ۋە ئىتتىپاقلىقنىڭ ئەڭ زور بايلىق ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ بىر ئىپادىسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىمكان بار بىر يەرگە جەم بولۇپ ھېيت نامىزى ئوقۇشتىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
بۇ قېتىمقى قۇربان ھېيت نامىزى يىغىلىشىنى تەشكىللىگەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى ھېيت-بايراملارنى بىرلىكتە تەبرىكلىشىنىڭ تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بولىدىغانلىقىنى ئالغا سۈردى.
بۇ يىلقى قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم رادىيومىز ئارقىلىق ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارغا ئۆزىنىڭ ئوتلۇق سالىمىنى، شۇنداقلا تىلەكلىرىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ھاۋالە قىلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي داۋاسىنىڭ پېشقەدەملىرىدىن ئەركىن ئالىپ تېكىن ئاكا ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارغا ئۆزىنىڭ قۇربان ھېيتلىق سالىمىنى يوللىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقاچان ئۈمىدۋار بولۇشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.
ھېيت نامىزىدىن كېيىن جامائەت ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى تەشكىللىگەن ھېيتلىق ناشتا ئۈستەللىرىدە ناشتا قىلغاچ قىزغىن سۆھبەتتە بولدى. شۇنىڭدەك بىر-بىرىگە ھېيتلىق تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈشتى.