خىتاي پاكىستاندىكى ماسود ئازھارنى ب د ت نىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشكە قارشى چىققان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2017.01.10
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
xitay-hindistan-305.jpg ھىندىستان گېنېرالى ك.ت. پارنايك، كەشمىردە خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى. 2011-يىلى 5-ئاپرېل.
YouTubetin Elinghan

ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدە تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئۆتكەن ھەپتە پاكىستاندىكى، ئاساسلىقى كەشمىر رايونىدا ھەرىكەت قىلىدىغان، ھىندىستانغا قارشى «جائىشى مۇھەممەد» دەپ ئاتالغان قوراللىق كۈچلەرنىڭ باشلىقى ماسود ئازھارنى ب د ت نىڭ تېررورلۇق قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشكە قارشى تۇرغانلىقىغا ئائىت ئۇچۇرلار خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئوتتۇرىغا چىقتى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «جائىشى مۇھەممەد» تەشكىلاتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشى تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما تەشكىلات رەھبىرى ماسود ئازھار تىزىملىكتە يوق بولۇپ، ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ بىر قانچە قېتىملىق ئېلىپ بارغان ھۇجۇم ھەرىكەتلىرىنى كۆرسىتىپ، ئۇنى تېررورلۇق قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغان ئىدى.

خىتاي ھازىرغىچە ئىككى قېتىم مەزكۇر شەخسنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈشكە توسقۇنلۇق قىلغان بولۇپ، رويتېرسنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھىندىستان تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ۋىكاس سۋارۇپ ئۆز ھۆكۈمىتىنىڭ ماسود ئازھارنى تىزىملىككە كىرگۈزۈش تەلىپىنىڭ 9 ئاي ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى ۋە باشقا خەۋپسىزلىك كېڭەش ئەزالىرىنىڭ قوللىغانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بولسا مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ باشقىچە قارىشى بارلىقىنى ۋە بۇ مەسىلىدە يەنە كۆپرەك مەسلىھەتلىشىش ۋاقتى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. نەتىجىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنمىغان.

خىتاينىڭ ماسود ئازھارنى تىزىملىككە كىرگۈزۈشكە قارشى چىقىشىدىكى سەۋەب-ئامىللار خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ مۇھىم ئانالىز تېمىسى بولغان بولۇپ، بۇ ھەقتە تۈرلۈك كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

«گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىيوسى» 8-يانۋار كۈنى «خىتاي نېمە ئۈچۈن پاكىستاندىكى جائىشى مۇھەممەدنى قوغدايدۇ؟» ناملىق بىر سۆھبەت ئېلان قىلغان. مەزكۇر سۆھبەتتە پىكىر بايان قىلغان گېرمانىيە ھايدېلبېرگ ئۇنىۋېرسىتېتى جەنۇبىي ئاسىيا ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، بىريۇسسېلدىكى جەنۇبىي ئاسىيا دېموكراتىيە مۇنبىرى تەتقىقات ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى بولغان سىگفىرىد ۋولف ئەپەندى، ئافغانىستان، پاكىستان ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدە تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىۋاتقان، ئىسلام رادىكال كۈچلىرىنىڭ ھەممىسىنى بېيجىڭنىڭ يېڭى يىپەك يولى پىلانىغا تەھدىت دەپ قاراپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ماسود ئازھارنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشكە قارشى مەيداندا بولۇشىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە توختالغان.

سىگفىرىد ۋولف ئەپەندى گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى مۇخبىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى بىرقانچە تەرەپتىن يورۇتۇپ بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ماسود ئازھارنى ھىمايە قىلىشى پەقەت پاكىستاننى دىپلوماتىيە جەھەتتىن قوللاشنىڭ بىر قىسمىدىن ئىبارەتتۇر. خىتاي پاكىستاننى تېررورلۇقنى قوللاۋاتقان دۆلەت تىزىملىكىگە ئېلىشنىمۇ توسماقتا، ئەگەر پاكىستان جازالاشقا ئۇچرىسا، بۇ، پاكىستانغا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن، بەلكى يەنە خىتايغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، پاكىستان خىتاينىڭ ئىتتىپاقدىشى، شۇڭا خىتاي دائىرىلىرى خەلقئارا سەھنىدە، مەسىلەن، «برىكس» تەشكىلاتى يەنى خىش تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر يىغىنى ۋە مەركىزى ئاسىيا يىغىنلىرىدا، ھىندىستاننىڭ پاكىستاننى تېررورلۇقنى قوللىغۇچى دۆلەت قاتارىغا كىرگۈزۈش تەكلىپىگە توسقۇنلۇق قىلىپ كەلمەكتە. خىتاي يەنە ئامال قىلىپ، پاكىستاننى ئافغانىستان ئىشلىرىغا كۆپلەپ قاتناشتۇرۇشقا ۋە پاكىستاننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى بىلەن ھەمكارلىشىش ۋە بىخەتەرلىك دىئالوگى قىلىشىغا تىرىشماقتا.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئازھارنى تېررورلۇق تىزىملىككە كىرگۈزۈشكە توسقۇنلۇق قىلىشىدىكى يەنە بىر سەۋەب، «جائىشى مۇھەممەد»تىن ئىبارەت مەزكۇر ھىندىستانغا قارشى ھەربىي تەشكىلاتنىڭ نىشاننى پاكىستانغا قارشى تۇرۇشقا ئايلاندۇرۇش ئەندىشىسىدۇر، چۈنكى خىتاي بۇ جەھەتتە ھىندىستاننى قوللىسا، بۇنىڭ خىتايغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىمۇ خەتەرلىك بولىدىكەن. چۈنكى، خىتاي پاكىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە زور مىقداردا مەبلەغ سالغان.

ئاپتور بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئىسلامى تەشكىلاتلار بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ توقۇنۇشنى خالىمايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

سىگفىرىد ۋولف ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھىندىستاننىڭ سىياسىتى خەلقئارا جەمئىيەتكە پاكىستاننىڭ تېررورلۇقنى قوللىغۇچى دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇشتۇر، ئەگەر خەلقئارا جەمئىيەت بۇنى ئېتىراپ قىلسا، ھىندىستان پاكىستاندىكى قوراللىق ئۇنسۇرلارغا قارىتا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش ۋە چېگرا ئاتلاپ ھەرىكەت قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ.

تۈركىيەدىكى ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم خىتاينىڭ ئازھارنى خەلقئارالىق تېررورچىلار قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشكە قارشى تۇرۇشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختالغاندا، خىتاينىڭ تېررور چۈشەنچىسىدىكى پەرقلەرنى تىلغا ئېلىپ، ئۆز مەنپەئەتىگە توغرا كەلمىگەن ھەرقانداق كۈچنى تېررورچى ئاتايدىغان خىتاينىڭ، ئۆز مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولسا ھەقىقىي تېررورچىلارغا چاپان يېپىشتىن چېكىنمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

سىگفىرىد ۋولف ئەپەندى زىيارەت خاتىرىسىدە: «خىتاي ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان شىنجاڭدا ئىسلام كۈچلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچراپ كەلدى. تېررورغا قارشى كۈرەشتە بېيجىڭ نېمە ئۈچۈن يېڭى دېھلى بىلەن ھەمكارلاشمايدۇ؟» دېگەن سوئالغا مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: «خىتاي تېررورغا قارشى تۇرۇشتا ئامېرىكا ۋە ھىندىستاننى تاشلىۋەتتى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھىندىستاننى رايوندىكى سىياسىي رەقىب دەپ قارايدىغان ئەنئەنىسى بار. ئامېرىكا بىلەن ھىندىستاننىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ قويۇقلۇقى بېيجىڭغا نىسبەتەن بىر تەھلىكە. بۇ سەۋەبتىن خىتاي ھىندىستان بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالىمايدۇ.»

ئۇيغۇر سىياسىي كۆزەتكۈچىلىرىدىن پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى تەتقىقاتچى سىگفىرىد ۋولفنىڭ پىكرىنى قۇۋۋەتلەپ، خىتاينىڭ تېررور مەسىلىسىدە ئىككى خىل ئۆلچەملىك سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

«خىتاي نېمە ئۈچۈن پاكىستاندىكى جائىشى مۇھەممەدنى قوغدايدۇ؟» ناملىق مەزكۇر زىيارەت خاتىرىسىدە يەنە، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ پاكىستان ۋە ئافغانىستاندىكى بىر قىسىم جىھادىي گۇرۇپپىلارنى قوللاۋاتقانلىقى، خىتاينىڭمۇ ئۆزىگە ۋە پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا تەھلىكە كەلتۈرمەيدىغان رادىكال كۈچلەرنى ۋاسىتىلىك قوللاۋاتقانلىقى، يېقىندا رۇسىيە، پاكىستان ۋە خىتاي ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تېررورغا قارشى ھەمكارلىق مۇزاكىرىلىرىدە ئىسلام دۆلىتى كۈچلىرىنىڭ ئاساسىي دۈشمەن ھېسابلانغانلىقىمۇ بايان قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.