گېرمانىيە تاراتقۇلىرىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى قىزىق تېما بولماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2018.09.12
lager-turpan-xalmurat-uyghur.jpg تۇرپانغا سېلىنغان مەلۇم «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى».
Social Media

يېقىنقى بىر ئايدىن بۇيان، گېرمانىيەدىكى داڭلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن ئا ر د، ز د ف قاتارلىق تېلېۋىزىيە قاناللىرى، «ئەينەك»، «زامان» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللار ۋە «گېرمانىيە ئاۋازى» قاتارلىق رادىيولاردا ئۇيغۇر دىيارىدىكى «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى جازا لاگېرلىرىغا ئائىت خەۋەر، ئانالىزلار كۆپلەپ ئېلان قىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە جەلپ قىلدى.

10-سېنتەبىر كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ جازا لاگېرلىرى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، گېرمانىيەدىكى د پ ئا، يەنى گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى قاتارلىق كۆپلىگەن ئاخبارات قاناللىرىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى قايتىدىن كۈنتەرتىپنى ئىگىلەشكە باشلىدى.

11- سېنتەبىر «گېرمانىيە ئاۋازى» رادىئوسىدا جازا لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك 3 خەۋەر ۋە بىر سىن فىلىمى بىراقلا ئېلان قىلىندى. «ئۇيغۇرلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىماقتا، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى خىتاينى جازالاشنى تەلەپ قىلدى» ناملىق خەۋەر، «شى جىنپىڭ قاتتىق باستۇرماقتا، شىنجاڭدا ۋەزىيەت ئېغىر» ناملىق خەۋەر، «ئۇلار بىزنى ‹كومپارتىيە بولمىغان بولسا، يېڭى جۇڭگو بولمايتتى› دەپ ناخشا ئېيتىشقا مەجبۇرلىدى» ناملىق سىن فىلىمى، «ئەركىنلىك يەنە چەكلىمىگە ئۇچرىدى، خىتاي تورلاردىكى دىنىي ئۇچۇرلارنى كونترول قىلماقتا» قاتارلىق بىر يۈرۈش-ماقالە ۋە خەۋەرلەردە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيەتلەر ئەتراپلىق تەسۋىرلەندى.

خەۋەرلەردە قانۇنسىز قۇرۇلغان «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قامالغان 1 مىليوندىن 3 مىليونغىچە بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر تۈرمە ھاياتىنى باشتىن كۆچۈرۈۋاتقانلىقى، تەن جازاسىغا ئۇچراۋاتقانلىقى، مېڭە يۇيۇش ئوپېراتسىيەسىنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى، لاگېر سىرتىدىكى خەلقنىڭ ۋەھىمە- ئەندىشىلەرگە ئەسىر بولۇپ، دەككە- دۈككە ئىچىدە ھايات كۆچۈرۈۋاتقانلىقى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە ب د ت نىڭ دوكلاتلىرى ئاساسىدا مىساللار بىلەن بايان قىلىنغان.

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە خەلقئارالىق بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ، خىتايغا نىسبەتەن ئېغىر بېسىم پەيدا قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ئامېرىكىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىدا، ب د ت دا ۋە گېرمانىيە قاتارلىق غەرب ئەللىرىدە بارغانسېرى قىزىق تېما بولۇۋاتقان دەل مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بىلەن قۇرۇلتاي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قاناتلار 11-سېنتەبىر ئاقسارايدا ئامېرىكا دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەتتە بولدى. بۇندىن بىرقانچە كۈن ئىلگىرى، ياۋروپا پارلامېنتىدىكى 5 چوڭ پارتىيە ياۋروپا كومىسسىيونى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يوللانغان جازا لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا ئىمزا قويدى. 7-سېنتەبىر كۈنى قۇرۇلتاي رەئىسى دولقۇن ئەيسا بىلەن قۇرۇلتاينىڭ ياۋروپاغا مەسئۇل خادىمى ئەسقەرجان ئەپەندىلەر گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا مەخسۇس زىيارەتتە بولۇپ، جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى توغرىسىدا جىددىي سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان ئىدى. ئەسقەرجان ئەپەندى بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ جازا لاگېرلىرىنى تاقاش ئۈچۈن چارە ئىزدەشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قارشى پائالىيەتلىرى غەرب ئەللىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان دىققىتىنى تارتىشتا ۋە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىن كەڭ يەر ئېلىشىدا زور رول ئوينىماقتا ئىكەن.

ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى د ئۇ ق نىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ جىددىي خىزمەتلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. بۈگۈن ۋە ئەتىدىن باشلاپ د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، قۇرۇلتاي فوندىنىڭ مۇدىرى ئابدۇجېلىل ئەمەت، قۇرۇلتاي خادىمى رايىن ئەپەندى ۋە شەھرىزات غەيرەتتىن تەركىب تاپقان بىر گۇرۇپپا خادىملار جەنۋەگە ئاتلىنىپ، جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى بويىچە ب د ت دىكى بىر ھەپتىلىك مۇجادىلىسىنى باشلايدىكەن. ئىگىلىشىمىزچە، قۇرۇلتاينىڭ پروگرامما يېتەكچىسى پىتېر ئىرۋېن ب د ت دىكى پائالىيەتلىرىنى باشلاپ بولغان ئىكەن.

د ئۇ ق نىڭ خادىمى شەھرىزات غەيرەت بۇ قېتىمقى ب د ت سەپىرىنىڭ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىدىن سىرت، بۇ يىل 11- ئايدا ب د ت دا چاقىرىلىدىغان خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۆزدىن كۆچۈرۈش يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەش ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. قۇرۇلتاي فوندىنىڭ رەئىسى ئابدۇجېلىل ئەمەت ئەپەندىمۇ بۇ قېتىمقى سەپەر توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.