گېرمانىيە تاراتقۇلىرى: «جازا لاگېرلىرى ھەقىقەتەن مەۋجۇت»
2018.10.22
گېرمانىيە تاراتقۇلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئۈزلۈكسىز تۈردە ئېلان قىلماقتا.
ئالدىنقى ھەپتە گېرمانىيەدىكى داڭلىق گېزىت-ژۇرناللاردىن «ئەينەك» ۋە «فرانكفۇرت مەجمۇئە گېزىتى» قاتارلىقلاردا ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا «دۇنيا كۆرۈپ باقمىغان نازارەت»، «ھەق-ھوقۇقسىز رايون»، «مىليونلىغان ئۇيغۇرلار لاگېرلاردا تەجرىبە قىلىنماقتا»، «خىتاي لاگېرلارنى قانۇنلاشتۇرماقتا»، «خىتاي جازا لاگېرلىرىنى ‹ھەقسىز تەربىيەلەش ئورنى› دەپ پەردازلىماقتا»، «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» قاتارلىق ماقالىلەر ھەمدە دۆلەت تېلېۋىزىيەلىرىدە تۈرلۈك پروگراممىلار ئېلان قىلىندى.
«فرانكفۇرت مەجمۇئە گېزىتى» دە بىرقانچە كۈن ئىلگىرى يەنە «جازا لاگېرلىرى ھەقىقەتەن مەۋجۇت» ناملىق مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان جازا لاگېرلىرىنى ئىنكار قىلىپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما ئالدىنقى ھەپتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ ئاغزى ئارقىلىق تۇنجى قېتىم لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئاشكارا ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ھەمدە ئۇنى پەردازلاپ كۆرسەتكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
«فرانكفۇرت مەجمۇئە گېزىتى» نىڭ شەرقىي ئاسىيا ئىشلىرى بويىچە مۇخبىرى فرېدېرىكا بۆگې خانىم مەزكۇر ماقالىسىدە خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ تېخى بىر ئاي ئىلگىرى ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ 96-نۆۋەتلىك يىغىنىدا «جازا لاگېرلىرى مەۋجۇت ئەمەس» دېگەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ. ئاندىن ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۈگۈن بىردىنلا ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارنى ئېتىراپ قىلغانلىقى، ئېتىراپ قىلغاندىمۇ لاگېرلاردىكى 1 مىليوندىن ئارتۇق ئىدىيەسى «دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇق» ۋىرۇسلىرى بىلەن يۇقۇملانغان ئۇيغۇرلارنىڭ كومپارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى بىلەن «ھەقسىز تەربىيەلىنىۋاتقانلىقى ۋە تېخنىكا بىلىملىرى ئۆگىنىۋاتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقىغا سوئال قويىدۇ. فرېدېرىكا بۆگې خانىم ماقالىسىدە يەنە خىتاينىڭ لاگېرلارنى تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشتا دۇنياغا ئۆرنەك قىلىپ كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى مەسخىرە قىلىدۇ. ئۇ «قانداقلا بولمىسۇن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تەسىس قىلغان جازا لاگېرلىرىنى ئاخىرى ئېتىراپ قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىشقا توغرا كېلىدۇ،» دەپ ئاچچىق كىنايە قىلىدۇ.
ماقالە ئاپتورى يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ لاگېرلاردا خىتاينىڭ مېڭە يۇيۇش ئوپېراتسىيەسى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇپ، رايوندا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ۋە تېز سۈرئەتلىك ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېنىق تونۇپ يەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. مۇشۇنداق بىر چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شۆھرەت زاكىرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، لاگېرلارنى «ھەقسىز تاماق بېرىلىدىغان، شامالدۇرغۇچى، رادىيو-تېلېۋىزورى ۋە توپ مەيدانلىرى بولغان، ناخشا -ئۇسۇللاردىن ھۇزۇرلىنالايدىغان» مۇھىتى گۈزەل بىر مەكتەپ سىياقىدا تەسۋىرلىشىنىڭ كۈلكىلىك ئاقىۋەتلەرگە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ئۇ ماقالىسىدە يەنە خىتاي تەرىپلىگەن بۇ تەلەيلىك ئوقۇغۇچىلار ھەقىقەتەن تەربىيە كۆرۈۋاتقان بولسا «نېمە ئۈچۈن ئۇلار لاگېر كىيىملىرى كىيىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇلار قوراللىق نازارەت ئاستىدا دەرس ئالىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۆيلىرىدە يېتىپ قوپۇپ ئوقۇماي، لاگېرلاردا نازارەت ئاستىدا ياتىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۆتكەن يىلى 4-ئايلاردا باشلانغان بۇ كۇرسلارنىڭ ئاخىرلىشىدىغان مۇددىتى يوق؟ نېمە ئۈچۈن بۇ لاگېردىكىلەرنىڭ قېرىنداشلىرى ۋە چەتئەللەردىكى تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ئالاقىلىرى ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؟ لاگېرلاردىكى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ سانى زادى قانچىلىك؟» دېگەندەك سوئاللارنى ئوتتۇرىغا تاشلاپ، شۆھرەت زاكىرنىڭ بۇ سوئاللارنىڭ ھېچبىرىگە جاۋاب بەرمىگەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.
ماقالىدە يەنە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداش خەلقلەرگە ئوخشاشلا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارزۇلىرى ۋە بۇ يولدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىپ بارغانلىقى، خىتاينىڭ بۇ ئېقىمنى يوقىتىش، شى جىنپىڭنىڭ «يېڭى يىپەك يولى قۇرۇلۇشى» غا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن لاگېرلار تەسىس قىلغانلىقى بايان قىلىدۇ. ئۇ ماقالىسىدە لاگېرلار مەسىلىسى ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدا كۈنتەرتىپكە كېلىشكە باشلىغاندىن كېيىن خىتاينىڭ ئەسلىدە يوشۇرۇپ كېلىۋاتقان لاگېرلارنى ئەمدى باشقىچە ناملاردا ئاتاشقا ۋە پەردازلاپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، بىراق بۇ ئۇرۇنۇشلارنىڭ تۇتقۇندىكى مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ پاجىئەلىرىنى يوشۇرۇشقا كۇپايە قىلمايدىغانلىقى بايان قىلىدۇ. ئۇ يەنە خىتاينىڭ 11-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش يىغىنىدا تېخىمۇ ئېغىر خەلقئارالىق بېسىمغا دۇچار بولۇشى مۇمكىنلىكى تىلغا ئالىدۇ.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ گېرمانىيە خەلقىگە بارغانسېرى تونۇش بىر مەسىلىگە ئايلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ماقالىدە ئىسلام دۇنياسىنىڭ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئەكسىچە ھېلىھەم سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇ سۈكۈتنىڭ ئۇزۇن داۋاملاشمايدىغانلىقى، ئىسلام جامائىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى دىنىي باستۇرۇشلىرىدىن چۆچۈشكە باشلىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ بۇنىڭغا مىسال تەرىقىسىدە يېقىندا پاكىستان دىنىي ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئېتىقادىغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇمغا قارىتا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، خىتاي-پاكىستان ئوتتۇرىسىدا مەلۇم سۈركىلىشلەرگە پىلتا بولغانلىقى، ئاقىۋەتتە پاكىستان ھەربىي ئەمەلدارىنىڭ بېيجىڭغا بېرىپ خىتايدىن ئەپۇ سورىغانلىقىمۇ قىستۇرۇپ ئۆتىدۇ ھەمدە كېلەچەكتە ئىسلام دۇنياسىدىمۇ خىتايغا نىسبەتەن كۈچلۈك قارشىلىقلارنىڭ چوقۇم باش كۆتۈرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.
«جازا لاگېرلىرى ھەقىقەتەن مەۋجۇت» ناملىق بۇ ماقالىدا يەنە خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ھازىرغا قەدەر جازا لاگېرلىرى توغرىلىق ھېچ زۇۋان سۈرمىگەنلىكى، شۆھرەت زاكىرنىڭ بايانلىرىدىن كېيىن بەس-بەستە پروگرامما ۋە خەۋەرلەر تارقىتىپ، جازا لاگېرلىرىنى گويا ئۇيغۇر خەلقىگە ياخشى ئىش قىلىپ بېرىۋاتقان دانا سىياسەتلەرنىڭ قورالى سۈپىتىدە كۆككە كۆتۈرۈۋاتقانلىقىمۇ تەكىتلەپ ئۆتىدۇ.
دەرۋەقە، خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 3-ئۆكتەبىر تارقاتقان بىر فىلىمدا لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ كومپارتىيەنىڭ بۇ سىياسىتىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىلغان كۆرۈنۈشلىرىگە ئورۇن بېرىلگەن. گېرمانىيەدىكى خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى ئادرىيان زېنز بۇ ھەقتە مەتبۇئاتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «بۇ فىلىمدا سىم توسۇقلار بىلەن قورشالغان لاگېرلارنىڭ قىياپىتى يوق، مەھبۇسلۇق كىيىمىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ سىياقى يوق، قوراللىق ساقچىلارنىڭ مۇھاسىرىسى يوق» دېيىش ئارقىلىق خىتاي تەشۋىقاتىنىڭ ساختىلىقىنى پاش قىلىدۇ.
گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر جامائەت ئەربابلىرىدىن ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى غەربتە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تونۇتۇش ئۈچۈن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ زور غەيرەتلەر كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇنىڭدىن ھەپتىلەر ئىلگىرى باۋارىيە رادىيوسىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» ناملىق 24 مىنۇتلۇق مەخسۇس پروگراممىسىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» گە، «ساقچى دۆلىتى» گە ئايلانغانلىقى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يورۇتۇپ بېرىلگەن ئىدى. پروگراممىدا لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كومپارتىيەنى مەدھىيەلەپ ناخشىلار ئېيتىۋاتقانلىقى، جەمئىيەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر كۈنى قىزىل بايراق چىقىرىپ، كومپارتىيەگە ساداقەت بىلدۈرۈشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى ئۇيغۇر دىيارىدىن بىۋاسىتە ئىگىلىگەن مەلۇماتلار ئاساسىدا بايان قىلىنغان. بۇ خىلدىكى ماقالە ۋە پروگراممىلار گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئۈزۈلمەي ئېلان قىلىنىپ تۇرماقتا.