ياۋروپا مۇسۇلمانلار مۇنبىرى: «ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەزىيەتنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ»
2019.02.14
رۇسىيە باشچىلىقىدىكى شەرقىي ياۋروپا ۋە غەربىي ياۋروپادىكى بىر قىسىم مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرلەشمە ئورگىنى بولغان «ياۋروپا مۇسۇلمانلار مۇنبىرى» دانىيە پايتەختى كوپېنھاگېندا يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلغان ھەم ئۇنىڭغا ئالاقىدار بەزى قارارلارنى ماقۇللىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى، مەزكۇر ئورگاننىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلەر بىلەن سۆزلىشىشى، ھەيئەت تەشكىللەپ ئۇيغۇر رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يول قويۇشىنى تەلەپ قىلىشى قاتارلىق قارارلار ماقۇللانغان.
بۇ 2014-يىلى ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونا شەھىرىدە قۇرۇلغان ۋە رۇسىيەدىكى مۇسۇلمان ۋەكىللىرى خېلى زور سالماقنى ئىگىلەيدىغان مەزكۇر ئورگاننىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشىدۇر.
مەزكۇر ئورگان يىغىننىڭ ئالدىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىدىكى ئەڭ مۇھىم مۇزاكىرە تېمىسى ئىكەنلىكى، يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنىڭ تەكلىپ قىلىنغانلىقى ۋە مەزكۇر مەسىلىسىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدا تۇرۇپ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
مەزكۇر ئورگاننىڭ رۇسىيەلىك ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى، ۋە باش مەسلىھەتچىسى سالام سۇلايمانوف 14-فېۋرال زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەلەپلىرىنى ئالاقىدار تەرەپلەرگە يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ قېتىم يىغىنىمىزنى كوپېنھاگېندا ئۆتكۈزۈپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشنى قارار قىلدۇق. چۈنكى بۇ مەسىلە ھازىر دۇنيادىكى مۇسۇلمان جامائەتلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە تېگىشلىك بىر مەسىلە بولۇپ قالدى. شۇڭا بىز بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرىگە قويدۇق ھەم بەزى قارارلارنى ئالدۇق. بىز رەسمىي مەكتۇپ تەييارلاپ ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىسسىيەسى، ياۋروپا پارلامېنتى، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە شۇنداقلا تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە سۇندۇق. مەكتۇپنى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ كوپېنھاگېندىكى ئەلچىخانىلىرىغا تاپشۇردۇق. بىر تەرتىپ بىلەن بۇ ئىشنىڭ نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرىمىز ۋە ئۇنىڭغا جىددىي قارايمىز.»
سۇلايمانوفنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلسا، «ياۋروپا مۇسۇلمانلا مۇنبىرى» نىڭ ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇ يەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز شۇنداقلا يەنە ۋاتىكان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە مەكتۇپ سۇنۇپ، ئۇلارنىڭ ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز. بىزنىڭ مەقسىتىمىز ۋەزىيەتنى يۇمشىتىپ، مەسىلىنىڭ ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىشقا ياردەم بېرىشتۇر. بىزنىڭ ھازىرقى پىلانىمىز بۇ. ئەمدى كېيىنكى قەدەمدە قانداق قىلىشنى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ جاۋابىغا قاراپ قارار قىلىمىز. بىز بۇ ئىشنىڭ تەقىبچىسى بولىمىز. ئەلۋەتتە ئەگەر ئۇلار بىزنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا بېرىشىمىزغا كاپالەتلىك قىلسا، بىزنىڭ خىتايدىكى بۇ رايوننى زىيارەت قىلىش پىلانىمىز بار.»
«ياۋروپا مۇسۇلمانلار مۇنبىرى» دۇنيادا مۇسۇلمان دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە سۈكۈت قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان مەزگىلدە بۇ مەسىلىنى ئۆزىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزگەن.
مەزكۇر ئورگان 12-فېۋرال كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن كوپېنھاگېندىكى يىغىنىغا د ئۇ ق نىڭ دىنىي ئىشلار مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن تەكلىپ بىلەن قاتناشقان. ئۇ 13-فېۋرال زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ يىغىندا ئۇيغۇر رايونىنىڭ دىنى ۋەزىيىتى، ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتى ۋە لاگېرلار ھەققىدە دوكلات بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن مۇنداق دېدى: «ئەسلى 4 سائەتلىك يىغىنكەن، يېرىم سائەتنى بىزگە ئايرىپتىكەن. مەن يېرىم سائەت سۆزلىدىم. لېكىن يېرىم سائەت سوئال-جاۋاب بىلەن بىر يېرىم سائەت ئۇزىراپ كەتتى. يىغىن رەئىسى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى پەقەت بايانات ئېلان قىلىش بىلەن توختاپ قالماي، بۇنى ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق ‹بىز ئۇيغۇرلارنى قوغدىشىمىز كېرەك، قوللىشىمىز كېرەك. ئۇيغۇرلارغا قانچىلىك ئەمەلىي ياردەم قىلالىساق شۇ شەكىلدە ياردەم قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىشىمىز كېرەك› دەپ ناھايىتى ئوبدان گەپ قىلدى.»
تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇننىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا رۇسىيە پارلامېنت ئەزاسى ھاجى مۇرات ئۆمەروف بىلەن رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇپتىسى دامىر مۇخەدىنوف لاگېرلار مەسىلىسىنى دۇمادا ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى موسكۋاغا تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تۇرغۇنجان ئالاۋىدىن يەنە مۇنداق دېدى: «رۇسىيەنىڭ دۇما ئەزاسى ھاجى مۇرات ئۆمەروف خىتاينىڭ جازا لاگېرلار مەسىلىسىنى قاتتىق تەكىتلەپ، ‹بۇنى مەن دۇمادا ئوتتۇرىغا قويىمەن. ۋەزىيەتنىڭ بۇنداق ئېغىرلىرىنى بىز تەسەۋۋۇر قىلمىغان›، دەپ سۆز بەردى. ئاندىن كېيىن دامىر مۇخەدىنوف مۇپتى ياردەمچىسىكەن. مەن ئۇ كىشىدىن: ‹سىلەر مۇسۇلمان قېرىندىشىمىز تۇرۇپ خىتاي تەرەپتە تۇرۇپ بايانات بەردىڭلار، بۇ قانداق گەپ›، دەپ سورىدىم. ‹ئۇ، بىز ئۇ يەردىكى ئەمەلەىي ئەھۋالنى بىلمىگەچكە شۇ شەكىلدە ئېلان قىلىنغان. ئەمما ھازىر ئەمەلىي ئەھۋالنى بىلدىم. مەن بېرىپ بۇنى باش مۇپتىغا ئېيتىمەن. ئاندىن بىز سىلەرنى موسكۋاغا زىيارەتكە چاقىرىمىز، شۇ چاغدا ئەمەلىي ئەھۋالنى تېخىمۇ كەڭ چۈشەندۈرسەڭلار، بىز شۇنىڭغا قارىتا ياردىمىمىزنى قىلىمىز›، دېدى.»
ئىلگىرى رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ باش مۇپتىسى راۋېل غەينۇدىن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مۇسۇلمانلارنى باستۇرغانلىقىنى رەت قىلغان. شۇنداقلا يەنە رۇسىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى لاۋروف يېقىندا ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەھۋاللاردىن خەۋىرى يوقلۇقى، ئۇنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن باش مۇپتىنىڭ باياناتى قازاندىكى بەزى تاتار دىنىي زاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.
سالام سۇلايمان لاۋروف ۋە رۇسىيە باش مۇپتىسىنىڭ باياناتى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا ئۇلارنىڭ سۆزى ھۆكۈمەتنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى، بىراق ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە ئۇلاردەك قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
سۇلايمانوفنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇلار رۇسىيە ھۆكۈمىتىمۇ ئوخشاشلا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىدىكەن. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە بىز بۇ مەسىلىنى ئۇلارغىمۇ ئوخشاشلا تەكىتلەيمىز. بىزنىڭ بۇ مەسىلىدىكى تىرىشچانلىقىمىز خىتاي، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش بىز قوللاشقا ئېرىشىدۇ دەپ قارايدىغان ھەرقانداق بىر دۆلەتكە ئېيتىشتىن چېكىنمەيمىز.»
مەلۇم بولۇشىچە، «ياۋروپا مۇسۇلمانلار مۇنبىرى» 12-فېۋرال كوپېنھاگېندا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىغا شەرقىي ياۋروپانى ئاساس قىلغان، غەربىي ۋە جەنۇبىي ياۋروپادىكى ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە، ئىتالىيە قاتارلىق ئەللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 دۆلەتتىكى مۇسۇلمان جەمئىيەتلەر، مۇپتىلار، ئۆلىمالار ۋە دىنىي زاتلار قاتناشقان.