دۇنيادىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن ب ب س رادىيوسى 2-ئاۋغۇست كۈنىدىكى ئاڭلىتىشىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كەڭ ئورۇن بەردى. ئۇلار ئاڭلىتىشىدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى راندىي خالتگرەننى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىكى پوزىتسىيىسىنى سورىغان. تۆۋەندە ئىرادەدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئەنگلىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق خەۋەر ئاگېنتلىقى ب ب س 2-ئاۋغۇست كۈنىدىكى ئاڭلىتىشىدىكى 2 ئايرىم پروگراممىسىدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىنسان ھوقۇقى دەپسەندىچىلىكى ئۈستىدە مەخسۇس توختالغان. بۇ پروگراممىلاردا ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى راندىي خالتگرەن ۋە ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەنۋەر توختى ئەپەندىلەر زىيارەت قىلىنغان. «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا نېمە بولۇۋاتىدۇ» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بۇ ئاڭلىتىشنىڭ كىرىش سۆزىگە تۆۋەندىكىلەر يېزىلغان: «دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئادەتتە بىر-بىرىگە ئوخشاپ قالىدىغان خۇسۇسلارغا ئىگە بولىدۇ. مەسىلەن، نازارەت، بېسىم، ۋە خارلاش دېگەندەك. ئەمما كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شىنجاڭ رايونىدا يۈز بېرىۋاتقانلارنى دۇنيانىڭ ھېچقانداق بىر يېرىدىكىگە ئوخشىمايدۇ، دەيدۇ. بىز ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتا ئەزاسى راندىي خالتگرەندىن ئۇ يەردىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى سورىدۇق».
ئارقىدىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى ئەزاسى، ئاۋام پالاتا ئەزاسى راند خالتگرەن سۆزىنى باشلاپ: «مەن شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا، ئۇلارنىڭ دىنى ئەركىنلىكىگە مەقسەتلىك ھالدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ھۇجۇمدىن ئەندىشە ھېس قىلماقتىمەن. ئۇ يەردە ئائىلىلەر پارچىلانماقتا، ئىنسانلار ئۆزىنىڭ دىنى ئەقىدىسى ئۈچۈن ھەپسىگە ئېلىنماقتا. بۇندىن باشقا رايوندا ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز بالىلىرىنى تەربىيىلىشى، دىنى خاتىرە كۈنلەرنى تەبرىكلىشى، بەلگىلىك كىيىملەرنى كىيىشى، ساقال قويۇشى، ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىشى چەكلىنىۋاتىدۇ. بۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئەقىدىلىرىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان كىچىك ئىشلار. ئۇلار ئۇيغۇرلارغا قارشى كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان دەرىجىدە سىياسەتلەرنى يۈرگۈزمەكتە. ئۇلار ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقانلارنىڭ ئەقلىگىمۇ كەلمەيدىغان ئىشلاردۇر. ئۇلار ئۇيغۇرلارغا قارشى يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىلىرىنى، سۈنئىي ئەقىل، ئاۋاز ئەۋرىشكىسى ئانالىزى، د ن ئا ئۇچۇرى قاتارلىق ئەڭ ئىلغار پەن-تېخنىكىلارنى بېسىم ۋە دەپسەندە قىلىش قورالى قىلىپ ئىشلەتمەكتە ۋە ئۇلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ تەبىئىي ھوقۇقى بولغان ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قويماقتا» دەپ جاۋاب بەردى.
بۇنىڭ بىلەن رادىئو پروگرامما رىياسەتچىسى ئاۋام پالاتا ئەزاسى راند خالتگرەندىن ھازىرغىچە پرېزىدېنت ترامپنىڭ ئاغزىدىن خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭنى ماختاش ۋە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودا-ئىختىلاپلىرىدىن باشقا مەسىلە ھەققىدە توختىلىپ باقمىغىنىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ، «كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى چەتكە قايرىلىپ-قالامدۇ قانداق ؟» دەپ سورايدۇ. بۇنىڭغا راند خالتگرەن ئەپەندى جاۋاب بېرىپ: «بىز ئۇنداق بولۇشىنى خالىمايمىز. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بىزلەرنىڭ ۋەزىپىمىز دەل مۇشۇ خىل مەسىلىلەرنىڭ ئۇنتۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش ۋە پرېزىدېنت ترامپ ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىدىكىلەرگە مەسىلىنى چۈشەندۈرۈشتۇر. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۆزىنىڭ خاتا ھەرىكىتىنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى، شۇنداقلا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ھەم ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ قىلىۋاتقانلىرىنى خاتا دەپ تونۇيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە ھەرىكەت قىلىشمىز كېرەك» دېدى.
پروگرامما رىياسەتچىسى يەنە «ئۇ ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ بىز رادىكال ئىسلام بىلەن كۈرەش قىلىۋاتىمىز دېيىشى مۇمكىنمۇ؟» دېدى. راند خالتگرەن بۇنى رەت قىلىپ: «بۇ ھەقىقەت ئەمەس. بىز ئىگىلىگەن ئىشەنچلىك مەلۇماتلاردىن، ھەقىقىي كىشى ۋە ئائىلىلەردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلاردىن ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدىكى، بۇ كىشىلەر ھېچقاچان زوراۋان ھەرىكەتلەردە بولۇپ باقمىغان، تىنچلىقپەرۋەر كىشىلەر. ئۇلار پەقەتلا دىنى ئېتىقادى ئۈچۈنلا نىشان قىلىنغان. ئۇ يەردە يولغا قويۇلۇۋاتقان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى چېكىدىن ئېشىپ كىشىلەرنى دىنى ئېتىقادى ئۈچۈن ياكى مەلۇم ئېتىقادقا تەۋە بولغان كىشىلەرنى نىشان قىلماقتا. بۇ تەدبىرلەر قانداقتۇر بىر خەۋپ ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلار دىننى بىر خەۋپ دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن يولغا قويۇلۇۋاتىدۇ. خاتا بولغان مانا بۇ. بۇلار خىتاي ئۆزى قول قويغان بىر قاتار خەلقئارالىق قانۇنلارغا پۈتۈنلەي خىلاپ» دېدى.
ب ب س ئاگېنتلىقى 2-ئاۋغۇست كۈنى تارقىتىلغان يەنە بىر رادىئو پروگراممىسىدا ئەنگىليەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ۋە پائالىيەتچى ئەنۋەر توختىنى زىيارەت قىلدى. پروگرامما تونۇشتۇرۇشىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنى بالىلىرىدىن ئايرىپ مەجبۇرىي ھالدا «قايتا تەربىيە يېپىق تەربىيە» قىلغۇزۇۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. ھازىر ئەنگلىيەدە ياشايدىغان ئەنۋەر توختى ئەپەندى مۇھاجىرەتكە چىقىشتىن ئىلگىرى ئۈرۈمچى تۆمۈر يول دوختۇرخانىسىنىڭ سابىق دوختۇرى ئىدى. ئۇ رادىئو پروگراممىسىدا ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە خىزمەت تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى دوختۇر مەزگىلىدە بىۋاسىتە ھالدا چالا ئۆلۈك قىلىنغان سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىشقا قاتناشقانلىقىنى ئاڭلىتىپ تۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە سىياسىي جىنايەت بىلەن جازالىغان كىشىلەر ئۇچرايدىغان ئاقىۋەتلەرنى سۈرەتلەپ بەرگەن.
ئاندىن ئۇ سۆزىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۆزىگە ئوخشاش پائالىيەتچىلەرنى تەقىب قىلىپ تۇرىدىغانلىقى، ئۆزلىرىنىڭ يۇرتلىرىدىكى ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى تەھدىت قىلىدىغانلىقى ھەققىدە توختالغان. پروگرامما رىياسەتچىسى ئەنۋەر توختى ئەپەندىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە ھازىر ئۇنىڭ ئائىلىسى ۋە پۈتۈن ئۇيغۇرلارغا يۈز بېرىۋاتقان بۇ ئومۇمىي ۋەزىيەتنى قانداق باھالايدىغانلىقىنى سورىغىنىدا ئەنۋەر ئەپەندى بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «مەن ھازىر يۈز بېرىۋاتقانلارنى ھەيرانلىق ئىچىدەك كۆزىتىۋاتىمەن. چۈنكى ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقانلار ھېچقانداق لوگىكىغا ئۇيغۇن ئەمەس. يۈز بېرىۋاتقانلارغا ئىنساننىڭ ئەقلىي يەتمەيدۇ. خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى رايوندا ئىنتايىن ئېغىر ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. قىسقىسى، خىتاي ھۆكۈمىتى بىزنى ئۇيغۇر ئەمەس خىتاي بولىسەن، دەۋاتىدۇ. سىزنى ئۆزىڭىز خالاپ ئەمەس، مەجبۇرىي ھالدا خىتاي قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ» دېدى.
پروگرامما رىياسەتچىسى ئەنۋەر توختى ئەپەندىدىنمۇ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنى تېررورلۇق بىلەن كۈرەش قىلىۋاتىمىز، دەيدىغۇ» دەپ سورىدى. ئەنۋەر توختى ئەپەندى سۆزىدە بۇنى قەتئىي رەت قىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى خەلققە بېسىم قىلىپ، ئاندىن ئۇيغۇرلارنى ئەيىبلەۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن ھەرقانداق ۋاسىتە قوللىنىشتىن، ئۆز خەلقىنى قىرىشتىن يانمايدىغان بىر ئۆتمۈش تارىخىغا نەزەر سالغاندىمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىلگىرى سۈرگەنلىرىگە ئىشىنىشكە بولمايدىغانلىقى» نى تەكىتلىدى.