خەلقئارا ئاخباراتلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىكى مەزمۇنلار كۈنسايىن كۆپەيمەكتە
2018.10.29

ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتالمىش «جازا لاگېرلىرى» غا مىليونلاپ قامىلىشى، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىلىشى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ياكى ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىشى پۈتۈن دۇنيا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بىر مەسىلىگە ئايلاندى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ نۇرغۇن خەلقئارالىق تەشكىلاتلار، ئورگانلار، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە جامائەتلىرىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن زور كۈچ چىقارماقتا.
نەچچە كۈن ئاۋۋال ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى (BBC) نىڭ «بۈگۈنكى ئەڭ ياخشى» پروگراممىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىشى ھەققىدىكى رادىيو خەۋىرىنى ئاڭلاتتى. خەۋەرنىڭ باشلانمىسىدا رىياسەتچى خىتاينىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدا تورلاشقان جازا لاگېرى سىستېمىسىنى قۇرغانلىقى، نۇرغۇن ئۇيغۇرنىڭ سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنغىنىغا ئائىت يېڭى پاكىتلارنى بايقىغانلىق ھەققىدە ئۇچۇرغا ئىگە بولغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى.
خەۋەردە BBC نىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا زىيارەتتە بولغان مۇخبىرى جون سادۋورسنىڭ شۇ جايدا كۆرگەن ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك دەرىجىدىكى مەنزىرىلەر نۇقتىلىق بايان قىلىنغان.
ئۇ شۇ مەنزىرىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: «سىز شىنجاڭدا ئەرلەرنىڭ ئۇزۇن ساقال قويغانلىقىنى قەتئىي كۆرەلمەيسىز، چۈنكى ئۇ چەكلەنگەن. مەسچىتلەردە ناماز ئوقۇۋاتقان مەنزىرە ئەسلا يوق. ھېچكىم بىزنىڭ سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشكە پېتىنالمايدۇ، چۈنكى كەينىمىزدە پېيىمىزغا چۈشكەن ئادەم بار. بىز 100 مىڭ ئادەمنىڭ قامالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان لاگېرنى زىيارەت قىلىشقا تىرىشتۇق، ئەمما يولنىڭ ئەتراپى پۈتۈنلەي ئېتىۋېتىلگەن ئىكەن. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى تەربىيەلىنىۋاتىدۇ، دەۋاتىدۇ. ئەمما نۇرغۇن بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى لاگېرلارغا ئەكېتىلىپتۇ. پۈتۈن بىر مىللەت كرىزىسقا دۇچ كەلمەكتىكەن.»
BBC نىڭ «بۈگۈنكى ئەڭ ياخشى» پروگراممىسىدا يەنە ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رەھىمە مەخمۇت خانىمنىڭمۇ سۆزلىرىگە ئورۇن بېرىلگەن. رەھىمە خانىم ئۆزىنىڭ يۇرتى غۇلجىدا يۈز بەرگەن قانلىق باستۇرۇش ھەققىدە مۇنۇلارنى بايان قىلغان: «ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتى بەكلا ناچار. ئۇلار ھەرقايسى جەھەتتىن كەمسىتىش ۋە پەرقلىق مۇئامىلىلەرگە ئۇچراپ تۇرىدۇ. 1997-يىلى مېنىڭ تۇغۇلغان يۇرتۇم بولغان غۇلجىدا ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىدىن باراۋەرلىك تەلەپ قىلىپ كوچىغا چىققان. بىراق ھۆكۈمەت ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۇيغۇرلارنى ھەربىي كۈچلەر ئارقىلىق قاتتىق باستۇرغان. بۇ ۋەقە كېيىن زور كۆلەملىك ئادەم تۇتۇشقا ئايلانغان. مەن ئاشۇنداق قورقۇنچلۇق مەنزىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم.»
تۈنۈگۈن، يەنى 25-ئۆكتەبىر كۈنى ئەلجەزىرە تورىدا «غەربىي خىتايدىكى ئۇيغۇرلار» تېمىسىدىكى بىر فىلىم تارقىتىلغان. مەزكۇر فىلىمدا ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى، ھازىرقى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلغاندىن باشقا يەنە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرىي تۈركەل، ۋاشىنگتون شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى دەررېن بايلېر قاتارلىق بىر قانچە پائالىيەتچىلەر بىلەن ئېلىپ بېرىلغان زىيارەتمۇ نۇقتىلىق گەۋدىلەندۈرۈلگەن.
فىلىمنىڭ بېشىدا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىختىن بۇيان قوللىنىپ كېلىۋاتقان تىلى، يېزىقى ۋە مەدەنىيىتى قىسقىچە تونۇشتۇرۇلغاندىن كېيىن، 1949-يىلى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ماۋ زېدۇڭنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنى بولغان «شەرقىي تۈركىستان» نى تارتىۋېلىش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرلىرىمۇ ئالاھىدە بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نامرات خىتاي دېھقانلارنىڭ بىڭتۇەنگە ئىشلىگىلى كېلىشىنىمۇ تىلغا ئالغان.
فىلىمدا يەنە خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىن نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا يۆتكىلىشى ۋە بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە دەررىن بايلېر ئۆز كۆز-قارىشىنى مۇنداق بايان قىلغان: «ئۇيغۇر دىياردىكى بارلىق ياخشى سىياسەتلەر خىتايلار ئۈچۈن بولۇۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇيغۇرلاردا خىتاي كۆچمەنلەر بىزنىڭ قېزىلما بايلىقلىرىمىزدىن پايدىلاندى، مېنىڭ يېرىمنى تارتىۋالدى، دەيدىغان ھېسسىيات تەبىئىيلا شەكىللىنىدۇ. خىتايلار بۇ يەرگە كېلىپ مال باھاسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق پۇل تاپتى. پۈتۈن ياخشى خىزمەتلەرنى خىتايلارغا بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار ئەسلىدىنلا بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك نەرسىلەردىن بەھرىمەن بولالماي، جەمئىيەت نامراتلىققا قاراپ يۈزلەندى.»
فىلىمدىكى يەنە بىر يارقىن نۇقتا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ناماز ئوقۇشىدۇر. بۇنىڭغا قارىتا نۇرىي تۈركەل ئەپەندى چۈشەنچە بەرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇرلار ھەر جۈمە كۈنى مەسچىتكە بېرىپ جۈمە نامىزى ئوقۇيدۇ. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى چەكلىدى. ئادەملەر ھەر خىل تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتىدۇ. ئادەتتە مەسچىتتە ھېچقانداق ئادەمنىڭ رەسىمى ئېسىلمايدۇ. ھالبۇكى، شى جىنپىڭنىڭ رەسىمى ئېسىلىدۇ ۋە قىزىل بايراققا قاراپ تەزىم قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ.»
فىلىمنىڭ ئاخىرىدا نۇرىي تۈركەل ئەپەندى دۇنيادىكى باشقا ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىگە قارىتا سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشىنى ئەيىبلەپ، مۇنداق دېگەن: «ئىسلام دۆلەتلىرى بۇ مەسىلە ھەققىدە ئاۋاز چىقىرىپ باقمىدى. سەئۇدى ئەرەبىستان، تۈركىيە، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەر قېنى؟ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلاردىكى ئىسلام ئەقىدىسىنى پسىخىكىلىق كېسەل دەپ ئاتاۋاتىدۇ. قېنى، ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئىنكاسى؟»
ئەلجەزىرە ۋە BBC غا ئوخشاش بۇنداق چوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەۋەر بېرىشى غەرب ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۈكۈتتە تۇرمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە، بولۇپمۇ BBC قانىلىدا بېرىلگەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ داۋانچىڭ رايونىدا يېڭىدىن بايقالغان لاگېرلار ھەققىدىكى سىن خەۋىرى خەلقئارالىق تاراتقۇلاردا كۈچلۈك دىققەت قوزغىماقتا.