كۆزەتكۈچىلەر: شى جىنپىڭ - ۋلادىمىر پۇتىن ھەمكارلىقىنىڭ نىشانى غەربكە تاقابىل تۇرۇش

0:00 / 0:00

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 22 - 23 - مارت كۈنلىرىدىكى رۇسىيە زىيارىتى جەريانىدا رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ھەربىي ھەمكارلىقلىرى ھەققىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇلغان بولۇپ، كۆپىنچە كۆزەتكۈچىلەر رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ھەربىي ۋە سىياسىي ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىش ئارقىلىق غەربكە تاقابىل تۇرۇشقا ئىنتىلىۋاتقانلىقىنى تەھلىل قىلماقتا. بۇ ھەقتە تۈرلۈك مەتبۇئات ئىنكاسلىرى مەيدانغا كەلمەكتە.

غەرب ۋە رۇسىيە ئانالىزچىلىرى شى جىنپىڭنىڭ 23 - مارت كۈنى موسكۋا خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتىدا سۆزلىگەن سۆزىگە ئالاھىدە دىققەت قىلغان بولۇپ، خىتاي دۆلەت رەئىسىنىڭ مەزكۇر نۇتىقىدا كۈچلۈك غەربكە قارشى مەيدان گەۋدىلەنگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

رۇسىيەنىڭ «مۇستەقىللىق» گېزىتىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ موسكۋا زىيارىتىنىڭ خۇلاسىسىگە ئائىت «موسكۋا - بېيجىڭ ئىتتىپاق تۈزمىگەن ھەمكارلىق» ماۋزۇلۇق ئوبزورىدا ۋلادىمىر سكوسېرېۋ «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ،رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ دوستلۇقى ئىستراتېگىيىلىك مۇقىملىق ۋە تىنچلىقنى ساقلاشنىڭ كاپالىتى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئارمىيىسى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرلارنى ئۆتكۈزىدۈ، دېگەن ئىدى. كرېمىل ۋە خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى غەرب ئەركىنلىك قىممەتلىرىنى قوبۇل قىلماسلىقتا يېقىنلىشىۋاتىدۇ. بىراق، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، دۆلەت مۇداپىئەسىدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش دۆلەتلىرىمىزدە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىكىدەك ئىتتىپاقداشلىقنىڭ قايتا مەيدانغا كەلگەنلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ.» دەپ يازغان.

شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىنىڭ رۇسىيە بىلەن بىرلىشىپ، غەربكە، يەنى ئامېرىكىغا قارشى ئىتتىپاق شەكىللەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى كۆپىنچە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ يەكۈنىدۇر. ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زىيارەتچى پروفېسسورى، قازاقىستاندىكى تۇران ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت فاكۇلتېتىنىڭ كافېدرا مۇدىرى ئابلەت كامالوفمۇ بۇ خىل پىكىردىكى مۇتەخەسسىستۇر. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي رۇسىيەگە تايىنىپ غەربكە تاقابىل تۇرۇش ھەمدە ئۆزىنىڭ خەلقئارالىق كۈچىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.

ئەنگىلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، رۇسىيە - خىتاي ھەمكارلىقىنىڭ غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئۈستىدە ئانالىز يۈرگۈزگەن رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئىراق شەرق ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى ۋلادىمىر پورتىياكوۋ نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر بىلەن تۈرلۈك قىيىن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەنلىكىنى، شۇڭا رۇسىيە بىلەن يېقىنلىشىش يولىنى تۇتۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «خىتاينىڭ ياپونىيە، ۋيېتنام ۋە فىلىپپىن بىلەن بولغان ئاراللار مەسىلىسى جىددىيلەشتى. باراك ئوباما ئاسىياغا قايتىش سىياسىتىنى ئېلان قىلدى، شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كوريىنىڭ ھەربىي ھەمكارلىقى ئاكتىپلاشتۇرىلدى، بىرما ھۆكۈمىتى كېيىنكى ۋاقىتلاردا غەرب تەرەپكە يۈزلەندى.» دەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىغا تايانغاندا، ئەنە شۇ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا بېيجىڭ موسكۋانىڭ قوللىشىغا مۇھتاج.

موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتايشۇناس پروفېسسورى سېرگېي لۇزىيانىنمۇ خىتاي رەئىسىنىڭ تۇنجى سەپىرىنى موسكۋادىن باشلىشى ۋە «كېسەك دۆلەتلىرى»يىغىنى ئارقىلىق «ۋاشىنگتونغا سىگنال بېرىۋاتقانلىقى»نى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي تەرەققى قىلسىمۇ، ئەمما تېخى دۇنياۋى قۇدرەتلىك مەملىكەت ئەمەستۇر.

ھەربىي قورال - ياراق سودىسى

شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى جەريانىدا رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ھەربىي ھەمكارلىقلىرىمۇ مۇھىم تېما بولغان. بىراق، بۇ تېمىلارنىڭ بىر قىسىمى يەنىلا مەخپىي ھالەتتە قالغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ يېزىشىچە، رۇسىيە باش قوماندانلىق شىتابىنىڭ ئۇرۇش قىلىش مەركىزى ئۆز تارىخىدا تۇنجى قېتىم بىر چەتئەل رەھبىرى، يەنى خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. شى جىنپىڭ رۇسىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانلىق شىتابىنىڭ مۇتلەق مەخپىي ھېسابلىنىدىغان ئۇرۇش قىلىش مەركىزىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ رۇس تىلى شۆبىسىنىڭ رۇسىيە مەنبەلىرىدىن نەقىل كەلتۈرىشىچە، خىتاي بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا ھەربىي قورال - ياراق سودىسىغا ئائىت كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان بولۇپ، خىتاي رۇسىيىدىن «سۇ - 35» تىپلىق ئىلغار كۈرەشچى ئايروپىلاندىن 24 دانە ھەمدە «لادا» ماركىلىق تۆت دانە سۇ ئاستى پاراخوتىنى سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالىغان.

شى جىنپىڭ پۇتىنغا ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي ساھەدىكى ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشنى تەكىتلىگەن.

كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خىتاي ئۆزىنىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قامداش ھەمدە ھەربىي كۈچ جەھەتتىن قۇدرەتلىك مەملىكەتكە ئايلىنىشتا يەنىلا رۇسىيىگە تايىنىشى كېرەك.

ئەجدادىنىڭ ئىزىنى بېسىش

رۇسىيىلىكلەر شى جىنپىڭنىڭ ھاكىمىيەتنى ئىگىلەپلا موسكۋانى زىيارەت قىلىشىغا نىسبەتەن ناھايىتى ئىللىق مۇئامىلىدە بولغان بولۇپ، ھەتتا بۇنىڭدىن پرېزىدېنت پۇتىنمۇ خوشال بولغىنى ئۈچۈن شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى سەپىرىنى رۇسىيىدىن باشلىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتقان. رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدا شى جىنپىڭنىڭ بۇ سەپىرى موسكۋانىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتىدىكى ئورنىنىڭ يەنىلا يۇقىرىلىقىنى كۆرسىتىدۇ دېگەن چۈشەنچىنى پەيدا قىلغان.

ھەقىقەتەن، 1949 - يىلى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، ماۋ زېدوڭ ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەندىن كېيىنلا تۇنجى چەتئەل سەپىرى سۈپىتىدە موسكۋانى زىيارەت قىلغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا ماۋ «پەقەت بىرلا تەرەپتە تۇرۇش»، يەنى سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپتە تۇرۇپ غەربكە قارشى تۇرۇش سىياسىتى قوللانغان ئىدى.

ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئەنئەنە داۋاملاشتى. سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن خىتاي رەھبەرلىرى جاڭ زېمىن ۋە خۇ جىنتاۋمۇ ئۇدا موسكۋانى زىيارەت قىلغان ئىدى.

مانا ئەمدى ئاخىر بۇ قەدەمنى شى جىنپىڭ باستى.

شى جىنپىڭنىڭ موسكۋا سەپىرى جەريانىدا رۇسىيە ۋە خىتاي 30 پارچىدىن ئارتۇق ھەر خىل كېلىشىم ۋە ھۆججەتلەرنى ئىمزالىدى.