يېقىنقى يىللاردىن بېرى تۈركىيەگە كېلىپ تۈركىيەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇساپىرلار ئىدارىسىدە پاناھلىق تىلەۋاتقان ئۇيغۇرلار كۆپەيمەكتە. بۇلارنىڭ ئىچىدە، ئىشچى، دېھقان، تىجارەتچى، دوختۇر، كادىر، يازغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلارمۇ بار. بۇلاردىن بىرى ئىككى ئاي بۇرۇن تۈركىيەگە كېلىپ ب د ت گە پاناھلىق تىلىگەن ۋولقان بۇغرا ئەپەندىدۇر. ئۇ، ئۆزىنىڭ ئۇنىۋېرسىتېت پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مەلۇم بىر ۋىلايىتىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ناماز قىلدىڭ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىددىيەسىنى تارقاتتىڭ، ئىدىيەڭدە چاتاق بار» دەپ خىزمەتتىن بوشىتىۋەتكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ۋولقان بۇغرا ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ تارتىۋاتقان چىدىغۇسىز دەرت-ئەلەملىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن چەتئەلگە چىققانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەردى.
ئىشتىن چىقىرىۋېتىلگەن ئوقۇتقۇچى ۋولقان بۇغرا ئەپەندى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەكتەپلەردە ماركىس، لېنىن، ستالىن، ماۋ زېدۇڭ، دېڭ شياۋپىڭ، خۇ جىنتاۋ ۋە شى جىنپىڭنىڭلا ئەسەرلىرىنىڭ ئوقۇتۇلۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى توغرىسىدىكى ئەسەرلەرنى ئوقۇتۇشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى بايان قىلدى.
ۋولقان بۇغرا ئەپەندى بۇرۇن ئۇيغۇرلار خالىسا خىزمىتىدىن ئىستىپا قىلالايدىغانلىقىنى، ئەمما ھازىر ئىستىپا قىلىش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغانلارنىمۇ تۇتۇپ سولاپ قويىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىزمەتتىن ئىستىپا بېرىش ھۇقۇقىنىڭمۇ تارتىۋېلىنغانلىقىنى بايان قىلدى.
قىممەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ھازىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق مۇساپىرلار ئىشخانىسىغا ئىلتىماس قىلغان ئۇيغۇرلار، مۇساپىرلار قانۇنىغا ئاساسەن، ئۈچىنچى بىر دۆلەت قوبۇل قىلغىچە تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەتلىرىگە ئەۋەتىلمەكتە. بۇرۇن پەقەتلا ئۇيغۇرلار پاناھلىق تىلەيتتى، ھازىر پاناھلىق تىلىگەن خىتايلارمۇ كۆپەيمەكتە.
0:00 / 0:00