خىتاينىڭ تاجىكىستانغا قاراشلىق بەدەخشان ئوبلاستىدا ھەربىي ئەسلىھە قۇرغانلىقى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-03-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ بىلەن تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئېمومالى راخمون كېلىشىمگە ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدا. 2017-يىلى 31-ئاۋغۇست، بېيجىڭ.
خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ بىلەن تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئېمومالى راخمون كېلىشىمگە ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدا. 2017-يىلى 31-ئاۋغۇست، بېيجىڭ.
AFP

«خەلقئارا كرىزىس گۇرۇپپىسى» ناملىق مۇستەقىل خەلقئارا ئىستراتېگىيە ئورگىنى يېقىندا دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ تاجىكىستاننىڭ بەدەخشان ئاپتونوم ئوبلاستىدا پەيدا بولغانلىقى، بەدەخشاننىڭ تاشقورغان بىلەن ۋاخان كارىدورىغا چېگرىداش جايىدا ھەربىي ئەسلىھە قۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

«خەلقئارا كرىزىس گۇرۇپپىسى» نىڭ دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر قوراللىقلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەنلىكى، بۇنى نەزەردە تۇتقاندا خىتاينىڭ بۇ جايدا ھەربىي ئەسلىھە قۇرۇشىنىڭ ھەيران قالارلىق ئەمەسلىكىنى، ئەمما ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى يەرلىك خەلقلەردە ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ يەنە رۇسىيەنى بىئارام قىلىشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىگەن.

دوكلاتتا قەيت قىلىشىچە، بەدەخشان ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن تاجىكىستان مەركىزى ھۆكۈمىتىدىكى ئەمەلدارلار خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ بەدەخشانغا كىرگەنلىكىنى دەلىللەپ، بەدەخشاندا نۇرغۇن خىتاي ئەسكىرىنىڭ پەيدا بولغانلىقى، لېكىن ئۇلارنىڭ بەك خۇپىيانە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى، بەدەخشاننىڭ ۋاخان كارىدورى ۋە تاشقورغانغا چېگرىداش شارمۇق دېگەن جايىدا ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى قۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىر تاجىكىستان ئەمەلدارى بۇ ھەربىي ئەسلىھەنىڭ «بىرلەشمە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەركىزى» ئىكەنلىكى، ئۇنىڭدا تاجىكىستان ئەسكەرلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بىز چارشەنبە كۈنى تاجىكىستاننىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ بۇ ھادىسىگە چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان بولساقمۇ، لېكىن ئەلچىخانىنىڭ نۆۋەتچى خادىمى بۇ سوئالغا جاۋاب بېرەلەيدىغان ئالاقىدار دىپلوماتلارنىڭ ھازىر يوقلىغىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەپسۇسكى، ئۇلار ھازىر ئەلچىخانىدا يوق. سىزنىڭ سوئالىڭىزغا مەن جاۋاب بېرەلمەيمەن. چۈنكى ئۇنىڭغا جاۋاب بېرەلەيدىغان كىشىلەر بىكار ئەمەس. بەلكى چۈشتىن كېيىن سائەت 3:00 لەردە تېلېفون قىلىپ باقسىڭىز بولارمىكىن. چۈنكى بىزنىڭ باش ئەلچى ھازىر نيۇ-يورك شتاتىدىكى يورك شەھىرىگە كەتتى. بىزنىڭ ئەلچىخانىمىزدا ھازىر ئاخبارات ئەمەلدارى يوق.» بىز بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 3:00 دە تاجىكىستان ئەلچىخانىسىغا قايتا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، لېكىن بۇ قېتىم تېلېفونىمىزنى ھېچكىم ئالمىدى.

«خەلقئارا كرىزىس گۇرۇپپىسى» دوكلاتىدا خىتاينىڭ بەدەخشانغا ئامانلىق كۈچلىرىنى كىرگۈزۈپ، ھەربىي ئەسلىھە قۇرۇشىدىكى ئاساسلىق مەقسىتى ئۇيغۇر قوراللىقنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن بەزى ئانالىزچىلار بۇنىڭ پەقەت بىر باھانە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ۋەزىيەت ئانالىزچىسى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى باھانە قىلىپ، بۇ رايون كونترول قىلىش ئىكەن.

قەھرىمان غوجامبەردى مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدا مەن خىتاينىڭ بىر غەرەزلىك پىلانى بار دەپ ئويلايمەن. چۈنكى مۇنۇ "بىر بەلۋاغ، بىر يول" ئىستراتېگىيە دائىرىسىدە خىتاي ھازىرقى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۆزىگە مايىل بولۇپ بولغان دۆلەتلەرنى، جۈملىدىن تاجىكىستاننى پەيدىن-پەي ئۆزىگە بېقىندى قىلىش ئۈچۈن شۇ يەردە ئالدىنالا بازىلارنى قۇرۇپ، كۈچىنى تىكلەش مەقسىتىدە بۇ ئىشلارنى قىلىۋاتقان بولسا كېرەك، دەپ ئويلايمەن. چۈنكى ئۇ يەردىن كىرىدىغان ئۇنداق يولمۇ يوق. ئۇ ناھايىتى ئېگىز تاغلار ۋە قىستاڭ يوللاردۇر.»

بەزى ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرگە قوشۇن چىقارسىمۇ، لېكىن بۇ دۆلەتلەردە ئۇزۇن مەزگىل تۇرالمايدىكەن. ئامېرىكىدىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ۋاڭ چېن ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ بۇ يەردە تۇرۇپ قوراللىقلارنى توسىمىز، دەيدۇ. ئۇنىڭ قوراللىقلارنى چېگرادا سىرتىدا توسۇپ، ئۇلارنىڭ شىنجاڭغا قايتىشىنى توسىمىز دېگىنى پەقەت بىر شەكىل. لېكىن ئۇنىڭ بۇ يەرگە ئەۋەتكەن ئادەملىرىمۇ ياخشى بىلىدۇ، ئۇلار قانچىلىك تېز قايتىپ چىقسا شۇنچىلىك ياخشى. خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى ئۆزىنىڭ ئۇ يەردە تۇرالمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. چۈنكى يەرلىك خەلق ئۇلارنى قارشى ئالمايدۇ. چۈنكى كومپارتىيەنىڭ مىللەتلەر مەسىلىسىدە قورال ئىشلىتىشتىن باشقا ھېچقانداق پاراسىتى يوق.»

ۋاڭ چېن بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، كومپارتىيە بۇ رايوندىكى مۇسۇلمان خەلقلەرنى، ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد، مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ھۆرمەت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى بۇنىڭ تىپىك مىسالىكەن.

ۋاڭ چېن يەنە مۇنداق دېدى: «خۇددى پۈتۈن دۇنيادىكى ھەر خىل مىللەتلەر ئامېرىكىغا كەلگەنگە ئوخشاش خىتايلار ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنىغا كىرگەندە سىزدىن كۈتىدىغان نەرسە مەدەنىيەتلەرنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدۇر. يەنى سىزنى مەن، مېنى سىز ئېتىراپ قىلىش، ھەرگىز ھەربىي ۋاسىتىلەرگە تايىنىپ سىزنى مەجبۇرلاش ئەمەس. لېكىن كومپارتىيە ھازىر پۈتۈن ئىشلارنى ھەربىي كۈچىگە تايىنىپ مەجبۇرلاۋاتىدۇ. ئۇ، باشقىلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ئېتىراپ قىلمايۋاتىدۇ. مانا بۇ مېنى بەك ئەندىشىگە سالماقتا. ئەگەر يات مىللەتلەرنىڭ زېمىنىغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ئېتىراپ قىلىشنى ئۆگەنمىسىڭىز، ئۇلارنى ئۆزىڭىزنىڭ مەدەنىيىتىگە مەجبۇرلىسىڭىز، سىزنىڭ ئاقىۋىتىڭىز ياخشى بولمايدۇ.»

تاغلىق بەدەخشان رايونى 1924‏-يىلى تاجىكىستانغا قوشۇپ بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ تاجىكىستاندىكى ئەڭ نامرات رايونلارنىڭ بىرى. 1991‏-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن بەدەخشان بىلەن تاجىكىستان مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋىتى ئىزچىل ياخشى بولماي كەلگەن. بۇنىڭدا نامراتلىق، ئېتنىك مۇرەككەپلىك، مەزھەپ ۋە تىل جەھەتلەردىكى پەرقلەر ھالقىلىق رول ئويناپ كەلگەن. بەدەخشانلىقلارنىڭ تىلى ۋە دىنىي مەزھىپى سۈنئىي تاجىكلارغا قارىغاندا ئىرانلىقلارغا تېخىمۇ يېقىن بولۇپ، ئۇلار شىئەلەرنىڭ ئىسمائىلىيە مەزھىپىگە مەنسۇپتۇر.

قەھرىمان غوجامبەردى، خىتاينىڭ بۇ بوشلۇقتىن پايدىلىنىپ، بەدەخشاننى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، لېكىن ئۇنىڭ ھەرىكىتى رۇسىيەنىڭ سەزگۈرلۈكىنى قوزغايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قەھرىمان غوجامبەردى يەنە مۇنداق دېدى: « ئۇنداق تەھدىت بار. چۈنكى، ئۇ بەرىبىر بىر ئاپتونوم رايون. ئۇ ھېچقاچان دۈشەنبىگە بېقىنغان ئەمەس. ئۇنىڭ بەزى ۋاقىتلاردا ئۆز ئىگىلىك ھوقۇقى بولغان. بەدەخشان تارىختا 200 يىلغا يېقىن ئۇيغۇرلارنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان بىر يەر. ئىككىنچى تەرەپتىن، رۇسىيە تاجىكىستاندا ھەربىي بازىلىرىنى كۈچەيتتى. شۇڭا، ئۇ بەدەخشانغا دىققەت قىلىدۇ. خىتاي بىلەن رۇسىيە يېقىنلاشقاندەك قىلسىمۇ، ئۇلار مەركىزى ئاسىيادا مەنپەئەت تالىشىش كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقىنىغا 200 يىل بولدى.»

تاجىكىستان خىتاي ھەربىي ئەسلىھە قۇرماقچى بولغان بۇ رايوندىكى ئىككىنچى بىر دۆلەت. بۇ يىل يانۋاردا خىتاينىڭ ئافغانىستاننىڭ بەدەخشان ئۆلكىسىدە ھەربىي بازا قۇرماقچى بولغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر تارقالغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خەۋەرنىڭ چىنلىقىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئافغانىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىكى ئەمەلدارلار بۇ بازىنىڭ «ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇر قوراللىقلىرىغا تاقابىل تۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك،» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى

تاجىكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن چېگرا كېلىشىمى ئىمزالاپ، بەدەخشاننىڭ بىر قىسىم زېمىنىنى خىتايغا بۆلۈپ بېرىشى 2008‏-يىلى بەدەخشاندا بۇنىڭغا قارشى زور كۆلەملىك نامايىشلارنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى. «خەلقئارا كرىزىس گۇرۇپپىسى» نىڭ دوكلاتىدا ئەگەر خىتاي رۇسىيەنىڭ تاجىكىستاندىكى مەنپەئەتىگە دىققەت قىلمىسا شۇنداقلا بەدەخشانغا مەبلەغ سالغاندا ئۇنىڭ يەرلىك خەلقنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا سەل قاراپ، خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەپ كېلىپ ئىشلەتسە، بۇ بەدەخشان خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، نۇرغۇن نۇرغۇن كاشىلىلارنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت