شىۋېتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى

0:00 / 0:00

7-ئاپرېل كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن شىۋېتسىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ 2013-يىللىق خىزمەت دوكلات يىغىنىدىن كېيىن، مەزكۇر ئىدارە باشلىقى ئاندېرس (ئاندەرس) مۇخبىرلارغا، ئۆتكەن بىر يىلدا رۇسىيە جاسۇسلۇق پائالىيىتىنىڭ ئاكتىپلاشقانلىقىنى، ئۇكرائىنا مەسىلىسىدىن كېيىن رۇسىيەنىڭ شىۋېتسىيەدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنىڭ كۈچىيىپ بارغانلىقىنى ھەمدە ئەڭ چوڭ تەھدىتنىڭ رۇسىيەدىن كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىدە يەنە، شىۋېتسىيەدە جاسۇسلۇق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ 15 تىن ئاشىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە پائال ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلارنىڭ رۇسىيە، خىتاي، ئىران دۆلىتى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شىۋېتسىيەدە پەن-تېخنىكىغا دائىر ئۇچۇر جاسۇسلۇقىدىن باشقا، يەنە شىۋېتسىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا قارىتا جاسۇسلۇق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

بىز، شىۋېتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئاشكارىلىغان خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكىتىگە قارىتا كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن، شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان تەشكىلاتلاردىن «ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى» نىڭ رەئىسى نىجات تۇرغۇننى زىيارەت قىلدۇق.

نىجات تۇرغۇن شىۋېتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكىتىگە قارىتا ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى بايان قىلدى.

ئۇ يەنە، خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا قاراتقان جاسۇسلۇق ھەرىكىتىگە قارىتا، ئۆزلىرىنىڭ تەشكىلات ئىچى-سىرتىدا ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.