خىتاي جاسۇسلارنىڭ چەتئەللەرگە ئۇزارغان تىلى (2)
2017.10.26

خەلقئارا ئاخباراتلاردا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ساقچى دۆلىتىگە ئايلىنىپ قالغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ تىلى ئۇزىتىپ مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ دىلىغا سانجىلىۋاتقىنى مەلۇم بولماقتا. ئۇلار تېلېفوندا ھەتتا ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ ئادەم ئەۋەتىپ قايتۇرۇپ كېلەلەيدىغانلىقى ھەققىدە پو ئاتقان.
ئالدىنقى پروگراممىمىزدا ئامېرىكا ۋە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار تەمىنلىگەن ئاۋازلىق ھۆججەتلەرنى ئاڭلاتقان ئىدۇق. بۇلاردا جاسۇسلارنىڭ بىۋاسىتە تەھدىت سېلىش، خوتۇن- بالىلارنى ۋاسىتە قىلىش ۋە شىرىن-سۇخەن سۆزلەر بىلەن ئالداش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئۆزى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشىغا جەلپ قىلىۋاتقانلىقىنى دەلىللەندى. بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا جاسۇسلارنىڭ يەنە قانداق ھېلىلەرنى قوللانغانلىقى تەقدىم قىلىنىدۇ.
«ئامېرىكا بارالمايدىغان يەر ئەمەس!»
ئامېرىكادىن تېلېفون سۆھبەت خاتىرىسىنى ئەۋەتىپ بەرگۈچىنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، خىتاي جاسۇس ئالداشتىن سۈر كۆرسىتىشكە ئۆتكەن. ئۆزىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىدىن دەپ تونۇشتۇرغان بۇ خادىم بىر قېتىملىق سۆھبەتتە ئىسمىنى ئەكبەر، ئەسقەر ۋە ئەكرەم دەپ ئۈچ خىل ئاتىغان. ئۇ خىتاينىڭ نەقەدەر كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ھەر قانداق بىر كىشىنى قايتۇرۇپ كېلەلەيدىغانلىقى ھەققىدە ۋەز ئېيتقان.
«ياخشىلىق قىلاي دېگەن!»
يۇقىرىقى خادىم تەھدىت، ئالداش، ئازدۇرۇش قاتارلىق بارلىق ۋاسىتىلەر ئەمەلگە ئاشمىغاندىن كېيىن قېيىداشقا ئۆتكەن. ئۇ ئۆزىنى بىر ياردەم قىلغۇچى، دوستلۇقنى يەتكۈزگۈچى قىياپىتىدە كۆرسىتىپ دوق قىلغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ياخشىلىق قىلىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى، ئەمدى ياردەم قىلمايدىغانلىقىنى، قارشى تەرەپ باش ئەگمىگۈچە قەتئىي ئالاقە قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ گېپىنى ئۈزگەن.
مەن تەھدىتكە ئۇچرىغاندا
ھازىر ياۋروپادىكى مەلۇم بىر دۆلەتتە ياشاۋاتقان ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئۇيغۇر يېقىندا خىتاي خادىملىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغانلىقىنى ۋە شۇ چاغدا قانداق تەدبىر قوللانغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. بۇ ئۇيغۇرنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر دۆلەتتە تەھدىتكە ئۇچرىغۇچى تايىنىدىغان قانۇن ئېنىق بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەلۇم قىلماسلىقى سەۋەبلىك ئۇلار قوللانماقچى بولغان قانۇنىي ۋاسىتىمۇ ئەمەلگە ئاشماسلىقى مۇمكىن ئىكەن.
چەتئەللەردە خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ پاراكەندە قىلىشىغا ئۇچراۋاتقان بىر ئۇيغۇر يۇقىرىقىغا ئوخشاش قانۇنى يوللارغا مۇراجىئەت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىز زىيارەت قىلماقچى بولغان مۇتلەق كۆپ سانلىق ئۇيغۇرلار سۈكۈتنى تاللاپ زىيارەتنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلدى.
تۈركىيەدىكى ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، بۇ مەسىلىنى بىر «پسىخىك ھۇجۇم» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.