كانادادىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوخشىمىغان پىكىردىكىلەرگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى جىددىي دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2019.02.22
Ruquye-Turdush.jpg كانادادا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رۇقىيە تۇردۇش خانىم.
Social Media

11‏-فېۋرال كۈنى مەك-ماستېر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن كانادادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى رۇقىيە تۇردۇش خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ۋە لاگېرلار ھەققىدە دوكلات بەرگەندە خىتاي ئوقۇغۇچىلار پاراكەندىچىلىك تېرىپ، رۇقىيە تۇردۇشنى ھاقارەتلەش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئىدى.

بۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋال يەنە كانادانىڭ تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتىدىمۇ يۈز بەرگەن بولۇپ، جېمى لامو ئىسىملىك تىبەتلىك قىزنىڭ ئەركىن رىقابەت ئارقىلىق مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىغا رەئىس بولۇپ سايلىنىشى سەۋەبلىك مەزكۇر مەكتەپتىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ «خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەلەپنامىسى» ناملىق نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. خىتاي ئوقۇغۇچىلار تىبەتلىك جېمى لاموغا «خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى پائالىيەت ئېلىپ بارغۇچى تىبەت سىياسىي پائالىيەتچىسى» دەپ ھۇجۇم قىلىپ، مەكتەپ دائىرىلىرىدىن سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان. 

ۋەقەدىن كېيىن خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىلمىشى يەنە «كانادا خىتاي ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىلمىي خادىملار جەمئىيىتى» ناملىق ئورگاننىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 19-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئوتتاۋادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىمۇ ئىنكاس قايتۇرۇپ، كانادانىڭ مەك-ماستېر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىدا ئۇيغۇر پائالىيەتچى رۇقىيە تۇردۇشنى ھاقارەتلىگەن خىتاي ئوقۇغۇچىنىڭ قىلمىشىنى «ۋەتەنپەرۋەرلىك» دەپ ماختىغان. ئەمما خىتاي ئەلچىخانىسى بۇ ۋەقەنىڭ ئارقىسىدا خىتاي دىپلوماتىك ئورگانلىرىنىڭ بارلىقىنى رەت قىلغان.

ئىككى ھەپتىدىن بۇيان كانادا، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى نوپۇزلۇق تاراتقۇلاردا بۇ ۋەقە ھەققىدىكى خەۋەر ئانالىزلار كۆپلەپ ئېلان قىلىنماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، كانادا ۋە ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى ئوقۇغۇچىلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر بايانات ئېلان قىلىش، ئىمزالىق مەكتۇپ يوللاش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ياكى ئوقۇۋاتقان خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دېپىنى چېلىپ، بۇ دۆلەتلەردىكى پىكىر ئەركىنلىكىگە ئاشكارا ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىغا قارىتا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ جىددىي تەدبىر ئېلىشنى تەلەپ قىلغان. 

د ئۇ ق 18‏-فېۋرال كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، كانادا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا چاقىرغان.

كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تۇيغۇن ئابدۇۋەلى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كانادادىكى «بىر ئەركىن دۇنيا» تەشكىلاتىنىڭ تەشكىللىشىدە 21-فېۋرال ئۆتكۈزۈلگەن بىرقانچە تەشكىلاتنىڭ بىرلەشمە يىغىنىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر خىل يوللار ئارقىلىق ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي دېموكراتچىلىرىنىڭ كانادادىكى پائالىيەتلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. يىغىندا رۇقىيە تۇردۇش خانىمنىڭ خىتاي ئوقۇغۇچىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراش ۋەقەسى ئالاھىدە مۇنازىرە تېمىسى بولغان. 

تۇيغۇن ئەپەندى يەنە كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى نامىدىن مەك-ماستېر ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ دائىرىلىرىگە مەكتۇپ يوللانغانلىقى ۋە خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پاراكەندىلىك سېلىش ھەرىكىتىنى تەكشۈرۈش تەلەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. 

تۇيغۇن ئابدۇۋەلى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 21-فېۋرالدىكى يىغىندا كانادادىكى خىتاي دېموكراتلىرىدىن شېڭ شۆ خانىم ئۇيغۇر پائالىيەتچى رۇقىيە تۇردۇش خانىم ۋە تىبەتلىك پائالىيەتچى جېمى لامۇنىڭ خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچراش ۋەقەسىگە جىددىي ئىنكاس قايتۇرغانلارنىڭ بىرى ئىكەن.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان شېڭ شۆ خانىم خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ كانادادىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەت پائالىيەتچىلىرىگە ئاشكارا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ كەينىدە شەك-شۈبھىسىزكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى. 

شېڭ شۆ خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدىكى ئوخشىمىغان پىكىردىكىلەرگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىگە قارىتا بۇ دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇش بىلەنلا چەكلەنمەسلىكىنى، بەلكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، مەكتەپ دائىرىلىرى ۋە كانادادىكى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئىمزالىق مەكتۇپ يوللاش، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جىددىي تەدبىر ئېلىشىنى تەلەپ قىلىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.

شېڭ شۆ خانىم يەنە غەرب دۆلەتلىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرىنىڭ بۇ دۆلەتلەردە ئوقۇۋاتقان خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى پىكىر ئېقىمىدىكىلەرگە پاراكەندىچىلىك سېلىشىغا قارىتا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جىددىي تەدبىر ئېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

رۇقىيە تۇردۇش خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزى مەكتەپ دائىرىلىرىگە ئەھۋالنى مەلۇم قىلغاندىن كېيىنكى ۋەقەلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە بۇ ھەقتە كانادادا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەتلەر توغرىلىق ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ رۇقىيە تۇردۇش خانىمغا تەھدىت سېلىش ۋەقەسىنىڭ نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر خىل ۋاستىلارنى قوللىنىپ، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇر، تىبەت پائالىيەتچىلىرى بىلەن تەشكىلات مەسئۇللىرىغا پاراكەندىچىلىك ۋە تەھدىت سېلىشتەك بىر قاتار ۋەقەلەرنىڭ پەقەتلا بىر مىسالى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل ۋەقەلەر بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ يۈز بېرىشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇيغۇرلار بۇنداق پاراكەندىلىك ۋە تەھدىتلەرگە ئۇچرىغىنىدا تەمكىن بولۇشى، ئەھۋالنى ئىنكاس قىلىشى، تاراتقۇلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىشى ۋە ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قانۇنىغا تايىنىپ ئۆزىنى قوغداشتا مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنى ئېلىشى زۆرۈر ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.