يومىئۇرى: «خىتاي سېنكاكۇغا ھۇجۇم قىلىدۇ» دېگەن ئويىمىز بەلكىم رىئاللىققا ئايلىنىشى مۇمكىن

0:00 / 0:00

ياپونىيەدىن چىقىدىغان نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن بىرى بولغان «يومىئۇرى شىمبۇن» نىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 18 - كۈنىدىكى سانىنىڭ سىياسەت مەيدانى سەھىپىسىگە «ياپون - خىتاي ئارىسىدىكى سوغۇق ئۇرۇشلار»، «خىتاي بېلىقچى كېمىلىرى بىلەن ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بارماقتا» سەرلەۋھەلىك ماقالىلەر ئېلان قىلىندى.

مەزكۇر ماقالىلەردە خىتاينىڭ ياپونىيەگە قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتى ۋە ياپونىيەنىڭ بۇنىڭغا قارىتا ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي تەييارلىقى توغرىسىدا توختالغان.

ماقالىدە، يېقىندا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى بىلەن ياپونىيە ئۆزىنى قوغداش قۇرۇقلۇق قىسمىنىڭ بىرلىكتە ئامېرىكىدا ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى توغرىسىدا توختىلىپ بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان:

«2014 - يىلى يانۋار ئېيىنىڭ ئاخىرىقى كۈنلىرىنىڭ بىر كېچىسىدە ئونغا يېقىن رېزىنكە قولۋاق ئامېرىكىنىڭ سانتىياگو شەھىرىدىكى دېڭىز يۈزىگە لەيلەپ چىقىپ، ساھىلغا يېقىنلاشتى،توساتتىنلا ھەر بىر قولۋاقتىن سەككىز ئادەم سەكرەپ چۈشۈپ ئۈن - تۈنسىز ھالدا يەر يۈزىگە چىقتى. بۇ ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى بىلەن ياپونىيە ئۆزىنى قوغداش قۇرۇقلۇق قىسمىي بىرلىكتە كالىفورنىيەدىكى كورونادو دېڭىز ئارمىيىسى بازىسىدا ئۆتكۈزۈۋاتقان بىرلەشمە «تۆمۈر مۇشت» ناملىق ھەربىي مانېۋىر ئىدى. بۇ مانېۋىردا ئاساسلىقى ئارالدىن قۇرۇقلۇققا مەخپىي چىقىش يەنى دۈشمەن تەرەپ ئارالنى ئىگىلىۋالغاندا، يوشۇرۇن ھالدا ئارالغا ئەسكەر كىرگۈزۈش مەشىقى بولۇپ، بۇ مانېۋىر تاكى 2 - ئاينىڭ 24 - كۈنىگە قەدەر داۋاملىشىدۇ. بۇ قېتىمقى ئامېرىكا - ياپونىيە بىرلىكتە ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ ھەربىي مانېۋىرغا ياپونىيەنىڭ ناگاساكى ساسىبو ھەربىي بازىسىدىكى ياپونىيە ئۆزىنى قوغداش قۇرۇقلۇق قىسمىدىن جەمىي 270 نەپەر ئەسكەر قاتناشتى. مانېۋىردا ياپون ئارمىيىسىنىڭ ئاساسلىق ئىجرا قىلىدىغان ۋەزىپىسى ئارالنى قايتۇرۇپ ئېلىش مەجبۇرىيىتى بولۇپ، مانېۋىرغا ئىشتراك قىلىۋاتقان ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ ئەسلىدىكى ئاتىلىشى «غەربىي تەرەپ گېنېرال پولك» ھەربىي قوشۇنى. مەزكۇر قوشۇننىڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوفىتسېرى كەنجى ھاماماتسۇ مانېۋىر ھەققىدە توختىلىپ:«بۇ، بىزنىڭ ماھارىتىمىزنى ئۆستۈرۈش،ھەرىكىتىمىزنى كۆرسىتىش، ھەربىي ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش، ئامېرىكا ئارمىيىسىدىن ئۈگىنىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مانېۋىردۇر» دېدى.

ياپونىيەدە نەشىر قىلىنغان «ھازىرقىي خىتاي دۆلىتىنىڭ ئەمىلىيىتى» ناملىق كىتابىدىن ئېلىنغان بىر سۈرەت
ياپونىيەدە نەشىر قىلىنغان «ھازىرقىي خىتاي دۆلىتىنىڭ ئەمىلىيىتى» ناملىق كىتابىدىن ئېلىنغان بىر سۈرەت


ماقالىدە:« ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ ھەربىي مانېۋىرلارنى ئوچۇق - ئاشاكارا ئېلان قىلمىسىمۇ، ئەمما بۇ خىلدىكى مانېۋىرلار ئەلۋەتتە سېنكاكۇ ئارىلى خىتاي تەرەپتىن ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا، قانداق تەدبىر قوللىنىشنى مەقسەت قىلغان مانېۋىردۇر، شۇنداقلا بۇ، خىتاينىڭ سېنكاكۇنى بېسىۋېلىشىغا قارشى تەييارلىق ھەربىي بىرلەشمە مەشىقى» دېيىلگەن.

ماقالىدە ياپونىيە قىسىملىرىنىڭ ھەربىي ماھارىتى، ئىقتىدارى، ھەربىي قىسىملارنىڭ ئۆز - ئارا ھەمكارلىشىشى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە ياپونىيەلىك بىر قىسىم ھەربىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەنقىدى قاراشلىرىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلىنغان:

«ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى بىلەن بىرلىكتە يېڭى ۋەزىپىلىك بىر ھەربىي قوشۇن تەشكىللەپ بۇنى «سۇ ۋە قۇرۇقلۇق» دېگەن نام بىلەن ئاتاپ، بۇ خىلدىكى يېڭى تاكتىكا بىلەن سېنكاكۇ ئارىلىنى قوغدىماقچى بولۇۋاتىدۇ. لېكىن ياپونىيەلىك ھەربىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئارالنى قايتۇرۇپ ئېلىش ھەربىي بىرلەشمە مانېۋىرىدىن قارىغاندا، ياپونىيە ئۆزىنى قوغداش قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە سېلىشتۇرغاندا ئىقتىدار جەھەتتە تۆۋەن بولۇپ، بۇ خىلدىكى ماھارەت بىلەن بىلەن ئارالنى قايتۇرۇپ ئېلىشى مۇمكىن ئەمەس. ياپونىيە ئۆزىنى قوغداش قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ئارالنى قايتۇرۇپ ئېلىشتا، ھاۋا ئارمىيىسى ۋە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ماسلىشىشىغا مۇھتاج. ئامېرىكىنىڭ دېڭىز، ھاۋا، قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ھەمىشە بىرلىكتە مانېۋىر ۋە مەشىق ئېلىپ بارىدۇ، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ ياپونىيە تەۋەسىدىكى ئوكىناۋا، ئىۋاكۇنى، ساسىبودىكى دېڭىز ئارمىيە بازىلىرى دائىم دېگۈدەك ئۆز - ئارا بىرلىكتە ئىستراتېگىيەلىك پىلان ئىچىدە مەشىق قىلىدۇ. ئەمما، ياپونىيە ئارمىيىسى ئۆز - ئارا ھەمكارلىق مەشقى ئېلىپ بارمىغان. شۇ سەۋەبتىن ھازىر ياپونىيە ئارمىيىسىدىكى بۇ ئۈچ تەرەپ ئۆز - ئارا ئامېرىكا ئارمىيىسىگە ئوخشاش بىرلىكتە ئىش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن جىددىي ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۇشى كېرەك.»

ماقالىدە يەنە ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ جىددىي پەيتلەردە دېڭىز ئۈستىدىكى مەشغۇلاتلاردا ئۆز - ئارا ماسلىشىش ھەرىكەت تىزلىكىنىڭ تولىمۇ ئاستىلىقى ھەققىدە مىسال كۆرسىتىپ بۇ ھەقتە :

«ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ باشقا قىسىملار بىلەن ماسلىشىش ئىقتىدارى تۆۋەن بولغانلىقتىن، ئۆتكەن يىلى نويابىر ئېيىدا ياپونىيە ئۆزىنى قوغداش قىسمى فىلىپپىندا يۈز بەرگەن تەيفېڭ بورىنى ئاپىتىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن بارغاندا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانلارنى پاراخوتلارغا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئىككى كۈن، پاراخوتتىكى بۇيۇملارنى تىك ئۇچار ئايرۇپىلانلار ئارقىلىق ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا يەتكۈزۈشىگە ئىككى كۈن، جەمىي تۆت كۈن ۋاقىت ئىسراپ قىلىنغان» دېيىلگەن.

ماقالىدە:«بۇ يىل 1 - ئايدا ياپونىيە ئۆزىنى قوغداش ھەربىي قىسمى چىبا ئۆلكىسىدە، ئارالنى قايتۇرۋېلىش مانېۋىرى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، مانرۋىردا قىسىملارنىڭ ئۆز - ئارا ھەمكارلىشىشى ناھايىتى تەسكە توختىدى. شۇ سەۋەبتىن ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارى:« بىز بىرلىكتە دېڭىز ئارمىيىسى مانېۋىرى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. لېكىن، ئۈسكۈنىلەر تولۇق يىتەرلىك ئەمەس، سەۋەبىي بىز تېخى ھەققىي ئۇرۇش ھالىتىنى تەسەۋۇر قىلغىنىمىز يوق» دېگەن.

ماقالىدە ئۇندىن باشقا، سابىق ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى مورىموتونىڭ 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى:«ياپونىيە ئارمىيىسى بىلەن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى ئىقتىدار ۋە قابىلىيەت جەھەتتىن چوڭ پەرقلىق» دېگەن سۆزىگىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن.

ماقالىدە:«ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىدارىغا قارىغاندا، خىتاينىڭ ئامېرىكىغا بىلىندۈرمەي سېنكاكۇ ئارىلىنى بېسىۋېلىش ئېھتىماللىقى بولۇشى مۇمكىن. ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىگە يېتىشى تېخى يىراق» دېيىلگەن.

مەزكۇر ماقالىگە ئۇلاپ بېرىلگەن «خىتاي بېلىقچى كېمىلىرى بىلەن ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بارماقتا» ناملىق ماقالىدە، خىتاينىڭ ياپونىيەگە قارشى تۇرۇشتا شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا تۈرلۈك ھەربىي مانېۋىرلارنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ بۇ ھەقتە مۇنداق توختالغان:

« 2012 - يىلى 7 - ئايدا ياپونىيەنىڭ ناگاساكى ئۆلكىسىنىڭ گوتۇ ئارىلىدىكى خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىزىغا قاراپ تۇرىدىغان ئاراكاۋا پورتىغا خىتاي تەرەپنىڭ جەمىي 106 بېلىقچى كېمىسى كەلدى. ئۇلارنىڭ كېلىشىدىكى سەۋەب، تەيفېڭ بورىنىنىڭ زەربىسىدىن ئۆزلىرىنى دالدىغا ئېلىش دەپ چۈشەندۈرگەن بولىسمۇ، ئەمما بۇ كېمىلەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقى ئېسىلغان بولۇپ، ئۇلار ياپونىيە بېلىقچى كېمىلىرىگە يېقىنلاشقان. شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەلدارى كۇبو؛ «بۇ ناھايىتى غەلىتە ئەھۋال» دېگەن. ياپونىيە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى كوتانې:«بۇ، خىتاي دۆلىتىنىڭ سېنكاكۇ ئارىلىنى بېسىۋېلىش ۋە ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي مانېۋىرى ۋە مەشىقى، بۇ كېمىلەرگە خىتاينىڭ ئەسكەرلىرى، ئېغىر تىپلىق ھەربىي ئۈسكۈنلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئۇلار بۇ خىلدىكى مانېۋىر ۋە ھەربىي مەشىقلەر ئارقىلىق ئوكىناۋاغا ھۇجۇم قىلىش، يەنى ياپونىيەگە ھۇجۇم قىلىشنى مەشىق قىلىۋاتىدۇ.»

ماقالىدە يەنە: «ياپونىيەنىڭ بۇ خىلدىكى ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇشى تولىمۇ تەس بولۇپ، بۇ خىلدىكى ۋەقەلەر يۈز بەرگەندە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى بۇنىڭغا تاقابىل تۇرمايدۇ. سەۋەبى ياپونىيە ئۆزىنى قوغداش دېڭىز ئارمىيىسى ئاۋۋال ھەرىكەت قوللىنىشى كېرەك. خىتاي سېنكاكۇ ئارىلىغا بەلكىم باشقىچە ئۇسۇلدا ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن. خىتايلار سېنكاكۇغا ھۇجۇم قىلىدۇ دېگەن ئويىمىز بەلكىم رىئاللىققا ئايلىنىشى مۇمكىن» دېيىلگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خىتاي - ياپون مۇناسىۋەتلىرىگە ئىزچىل دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئىۋاناگا بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

- گەرچە ياپونىيەنىڭ ئۆزىنى قوغداش دېڭىز ئارمىيىسى، قۇرۇلۇقلۇق ئارمىيىسى مەۋجۇت بولسىمۇ، خىتايلارنىڭ بۇ خىلدىكى تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتى ھازىرمۇ مەۋجۇت. ئومۇمىي ۋەزىيەت نۇقتىسىدىن قارىغاندا، خىتاينىڭ ياپونىيەگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكىتى ناھايىتى خەتەرلىك دەپ ئويلايمەن.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.