خىتاي تەرەپدارى مۇھاجىر ئابلىمىت سادىق خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىدە مەسىلە بارلىقىنى تىلغا ئالدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.02.20
turkiye-enqere-xitay-uyghur-oqughuchilar-pul-tarqitish.jpg خىتاي ئەنقەرەدە ئويۇشتۇرغان نورۇزدا 40 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا 1000 دوللاردىن پۇل تارقاتتى
RFA/Erkin Tarim

خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بېرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۆزلىرى تەرەپدارى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنى تەشكىللەپ، خىتايغا قارىتا زىيارەتلەرنى ئۇيۇشتۇرماقتا ۋە ئۇلارنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ توغرىلىقىنى ۋە قۇسۇرسىزلىقىنى تەشۋىق قىلماقتا.

مانا بۇ گۇرۇپپىدىكى كىشىلەردىن بىرى ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان مۇھاجىر ئابلىمىت سادىقتۇر. ئۇ مۇخبىرىمىز بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ تۈنۈگۈن قىسمىدا، ئەنە شۇ خىتاي تەرەپدارى گۇرۇپپىدىكىلەرگە ماس ھالدا ئۇيغۇر رايونىدا مىللەتلەرنىڭ «باپباراۋەر» ياشاۋاتقانلىقى ۋە ئادالەتسىزلىكنىڭ يوقلۇقىنى بايان قىلغان ئىدى. ئۇ سۆھبەتنىڭ بۈگۈنكى قىسمىدا، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن سىياسىي ئىجرائاتلىرىدا مەسىلە بارلىقىنى، مىللەتلەر ئارا تەڭسىزلىك سەۋەبىدىن رايوندا بىرمۇنچىلىغان كۆڭۈلسىز ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.