ياپونىيە سوتى قانۇنسىز مارجان سۈزۈش دېلوسىدىكى خىتاي كاپىتانىغا ھۆكۈم ئېلان قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2015.03.30
kagoshima-sot-mehkimisi-305.jpg كاگوشىما سوت مەھكىمىسى. 2015-يىلى 30-مارت، ياپونىيە.
RFA/Qutluq

ياپونىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سېنكاكۇ ئارال ماجىراسىدىن باشقا يەنە ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ خىتاي بېلىقچى كېمىلىرىنىڭ ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرىپ دېڭىز مارجىنى سۈزۈشتىن ئىبارەت قانۇنسىز ھەرىكىتى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كەسكىنلىشىدىكى سەۋەبلەردىن بىرى بولۇپ، يېقىندا ياپونىيە سوت مەھكىمىسى يوكوھاما، كاگوشىما قاتارلىق شەھەرلەردە ئارقا-ئارقىدىن بۇ خىلدىكى دېلوغا چېتىشلىق بولغان خىتايلارنى سوت قىلىشنى باشلىغان بولۇپ، بۈگۈن يەنى 30-مارت بۇ دېلودىكى ئەڭ ئاخىرقى شەخس 52 ياشلىق خىتاي كاپىتانى لياڭغا كاگوشىما سوت مەھكىسىمىسى ھۆكۈم ئېلان قىلدى.

30-مارت ياپونىيە كاگوشىما سوت مەھكىمىسى ياپونىيە زېمىنىغا قانۇنسىز كىرىپ، بېلىق تۇتۇش تورلىرى بىلەن ياپونىيە دېڭىزىدىن مارجان سۈزۈشكە ئۇرۇنغان خىتاي كېمىلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كاپىتانى، ئەنخۇيلۇق 52 ياشلىق لياڭنى ئەيىبلەپ ئۇنىڭغا قانۇن بويىچە بىر يىل ئالتە ئايلىق تۈرمە جازاسى ۋە 30 مىڭ دوللار ئەتراپىدا ئىقتىسادىي جەرىمانە قويۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

52 ياشلىق خىتاي كاپىتانى لياڭنىڭ سوتى كاگوشىما سوت مەھكىمىسىنىڭ 206-نومۇرلۇق سوت زالىدا 30-مارت چۈشتىن كېيىن سائەت بىردىن ئون مىنۇت ئۆتكەندە باشلاندى. سوتقا ياپونىيەنىڭ قانۇن ساھەسىدىكى كىشىلەر شۇنداقلا ياپونىيە ئاخباراتلىرىنىڭ بىر قىسىم مۇخبىرلىرى قاتناشتى.

بۈگۈنكى سوتقا يەنە، خىتاينىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانا خادىملىرىدىنمۇ ئىككى نەپىرى ئىشتىراك قىلدى. سوتتىن كېيىن ئۆزىنىڭ فۇكۇئوكا شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ خادىمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، بىر نەپەر ئەللىك نەچچە ياشلار چامىسىدىكى خىتاي دىپلوماتى، گەرچە ئۆزىنىڭ نامىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ۋە شۇنداقلا بىزنىڭ سۈرەتكە ئېلىشىمىزغا قوشۇلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ، بىزنىڭ بۈگۈنكى سوت ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن تەپسىلىي جاۋاب بەردى.

خىتاي دىپلوماتى بىزنىڭ: «جۇڭگو بېلىقچى كېمىلىرىنىڭ ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قانۇنسىز كىرىپ مارجان سۈزۈش جىنايىتىنى سادىر قىلىشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ-يوق؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

-مەنچە بۇ قېتىمقى ياپونىيە تەۋەلىكىدە جۇڭگو كېمىلىرىنىڭ سادىر قىلغان قانۇنسىز قىلمىشلىرى جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىگە ھېچقانداق تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، دەپ ئويلايمەن.

ئۇ،يەنە بىزنىڭ:«جۇڭگو بېلىقچىلىرىنىڭ ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە قانۇنسىز مارجان سۈزۈشى 2008-يىلى خەلقئارا جەمئىيەت ئورتاق ماقۇللىغان «ۋاشىنگتون ئەھدىنامىسى» گە خىلاپ بولغانلىقتىن، جۇڭگو بېلىقچىلىرىنىڭ بۇ قىلمىشى ياپونىيە جەمئىيىتىدە خەلقنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى. جۇڭگو جەمئىيىتىدىچۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا:
‏-جۇڭگو ھۆكۈمىتىمۇ قانۇن نۇقتىسىدىن بۇ مەسىلىگە ناھايىتى ئەستايىدىل قاراۋاتىدۇ،‏ -دەپ جاۋاب بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما جۇڭگو جەمئىيىتىدە بۇ مەسىلىسىگە نىسبەتەن تۈرلۈك ئوخشىمىغان ئىنكاسلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىشنى خالىمىدى.

ياپونىيە فۇكۇئوكادىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ دىپلوماتى بىزنىڭ «سىز جۇڭگو كونسۇلخانىسىنىڭ بىر دىپلوماتى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بۈگۈنكى سوتنىڭ ھۆكۈمىدىن مەمنۇن بولدىڭىزمۇ؟» دېگەن سوئالىمىز ھەققىدە توختىلىپ:
‏-ئاساسىي جەھەتتىن مەمنۇن بولدۇم،-دېدى.

بىز يەنە ئۇنىڭدىن ئىچكىرىلەپ:«جۇڭگو بېلىقچى كېمىلىرىنىڭ ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە قانۇنسىز ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشى بۇ تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەس، شۇڭا بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرمەسلىكىگە جۇڭگو تەرەپ ۋەدە قىلالامدۇ؟»دەپ سورىغىنىمىزدا، كونسۇلخانا خادىمى:
‏-ئىككى تەرەپ بۇ خىلدىكى ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرمەسلىكىگە ئورتاق تىرىشىمىز،-دەپ جاۋاب بەردى.

بىز ئاخىرىدا يەنە، خىتاي دىپلوماتىيە خادىمىدىن:«بۇ قېتىمقى ياپونىيە سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم ئېلان قىلغان جۇڭگولۇق بېلىقچىلار، جۇڭگوغا قايتقاندىن كېيىنمۇ ئوخشاشلا قانۇن بويىچە جاۋابكارلىققا تارتىلامدۇ؟» دېگىنىمىزدە ئۇ:
‏-ياق، -دەپ جاۋاب بەردى.

ياپونىيە كاگوشىما سوت مەھكىمىسىنىڭ خىتاي كاپىتان ھەققىدىكى سوت ھۆكۈمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۈگۈنكى سوتتا جاۋابكارلىققا تارتىلغان 78051 نومۇرلۇق كېمىنىڭ كاپىتانى ئەنخۇيلۇق، 52 ياشلىق لياڭنىڭ ئادۋوكاتى كاۋاگۇچى مۇخبىرلارنىڭ سوت ھەققىدىكى بەزى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش بىلەن بىرگە، بۇ قېتىمقى ياپونىيە دېڭىز قوغداش قىسىملىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان خىتاي بېلىقچى كېمىلىرىنىڭ بارلىق خىتايچە، ياپونچە تىللاردىكى تەرجىمانلىق خىزمەتلىرىنى ياپونىيە تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بېجىرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ كىملىكى ھەققىدە تەپسىلىي توختالمىدى.

ياپونىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى ئەتىگەندە خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىدىن يولغا چىققان 78051،78052 نومۇرلۇق بېلىق تۇتۇش كېمىلىرى،شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى قانۇنسىز ھالدا ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرىپ، ياپونىيەنىڭ كۇشىكىشىما ئارىلى ئەتراپىدا دېڭىزغا تور تاشلاپ، 20 مىنۇت ئەتراپىدا دېڭىزدىن مارجان ئۈزۈشكە تەمشىلىۋاتقاندا ياپونىيە دېڭىز قوغداش قىسىملىرىنىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانى نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ مارجان سۈزۈش ھەرىكىتىنى توختىتىشقا ھاۋادىن بۇيرۇق بەرگەن ۋە شۇنداقلا بىرلا ۋاقىتتا كېمىلەرنىڭ ھەرىكەتتىن توختاپ، دېڭىز تەۋەلىكىدە ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىشى توغرىسىدا نۇر ئارقىلىق سىگنال بەرگەن بولسىمۇ، ئۇلار، بۇ سىگناللارغا پىسەنت قىلماي، خىتاي تەرەپكە قېچىشقا ئۇرۇنغان. ئۇلار ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىدىن چىقىپ كېتىش نىيىتىدە ئىككى سائەت ھەرىكەت قىلغان بولسىمۇ، ئاقىۋەتتە ياپونىيە دېڭىز قوغداش قىسىملىرىنىڭ تىز سۈرئەتلىك كېمىلىرى ئۇ ئىككى كېمىنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ، شۇ كۈنى چۈش ۋاقتى سائەت 11:16 ئۆتكەندە ئىككى كېمىدىكى 16 كىشىنى قولغا ئالغان. تۇتۇلغان كېمىلەرنى تەكشۈرۈش جەريانىدا كېمىلەردە 18 كۈنگە يەتكۈدەك يېمەكلىك ۋە باشقا كېمىگە كېرەكلىك بولغان يېقىلغۇلارنىڭ تەييارلانغانلىقىنى، شۇنداقلا 16 نەپەر بېلىقچى پۈتۈنلەي ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئەسكىرىي كىيىملىرىنى كىيگەنلىكىنى دەلىللىگەن.

ئاخىرىدا بىز بۈگۈنكى سوتقا قاتناشقان خىتاي ئىشلىرى مۇستەقىل تەتقىقاتچىسى يامادانى زىيارەت قىلغىنىمىزدا ئۇ، بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-بۈگۈنكى سوت خىتاي بېلىقچى كېمىلىرىنىڭ ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرىپ قانۇنسىز مارجان سۈزۈش دېلوسىغا چېتىشلىق ئەڭ ئاخىرقى شەخسنىڭ سوتى بولۇپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئۆزىدىلا خىتاي تەرەپتىن ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قانۇنسىز كىرگەن كېمىلەرنىڭ سانى ئادەمنى چۆچۈتىدۇ. مۇشۇ ئاينىڭ 23-كۈنىمۇ يوكوھامادا بۇنىڭغا ئوخشاش بىر قېتىملىق سوت ئېچىلدى. ياپونىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا نىسبەتەن كۈچلۈك بىر قانۇن ماقۇللىمىسا، جۇڭگولۇقلارنىڭ بۇ خىلدىكى ھەرىكىتى توختىمايدۇ، دەپ ئويلايمەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.