رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 24-ئىيۇن كۈنى چەتئەل پۇقرالىقىدىكى ئۇيغۇرلاردىن بىر قانچىسى خىتاينىڭ ئالاھىدە رايونى بولغان خوڭكوڭغا خىزمەت ۋە تىجارەت بىلەن بارغاندا ئۇلارنىڭ چېگراسىدىن كىرىشى چەكلىمىگە ئۇچراپ تۇتۇپ قىلىنغاندىن كېيىن، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى دۇبەيگە قايتۇرۇلغان.
مەلۇم بىر دۆلەتتىن دۇبەيگە كېلىپ، دۇبەي ئارقىلىق خوڭكوڭغا تىجارەت ئىشى بىلەن بارغان، چەتئەل پۇقرالىقىدىكى ئۇيغۇرلاردىن غوجا ئەخمەت بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ سەۋەبسىزلا خوڭكوڭ دائىرىلىرى تەرىپىدىن چېگرادىن كىرگۈزۈلمىگەنلىكى توغرىسىدا توختالدى.
خوڭكوڭدا دائىرىلىرى غوجا ئەخمەتگە خوڭكوڭغا كىرمەكچى بولغان بەزى رايونلاردىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە قاتتىق تەكشۈرۈلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئالاھىدە ئەسكەرتىش بەرگەن.
غوجا ئەخمەت ئۆزىنىڭ خوڭكوڭ دائىرىلىرى تەرىپىدىن قاتتىق تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، ساقچىلارنىڭ تەھدىتى بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى دۇبەيگە قايتۇرۇلغانلىقى توغرىسىدا توختالدى.
بىز غوجا ئەخمەتنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسەن، خوڭكوڭ ئالاھىدە رايونى چېگرادىن كىرىش ئىشلىرى باشقۇرۇش ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، نېمە سەۋەبتىن ئۇيغۇرلارنىڭ خوڭكوڭغا كىرىشىنىڭ توختىلىغانلىقى توغرىسىدا تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىشكە تىرىشقان بولساقمۇ، بىراق تېلېفونىمىز جاۋابسىز قالدى.
بىز غوجا ئەخمەتنىڭ يۇقىرىقى بايانلىرىغا ئاساسەن، دۇبەي ئايرودرومىدىكى چېگرادىن كىرىش ئىشلىرى ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلىپ غوجا ئەخمەتنى نېمە سەۋەبتىن دۇبەيگە قايتۇرۇۋەتكەنلىكى توغرىسىدا سوئال سورىغىنىمىزدا، مەسئۇل خادىم بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خوڭكوڭ دائىرىلىرى بىزگە يوللىغان بۇ ھەقتىكى ئۇچۇردا بۇ كىشىنىڭ خوڭكوڭدىن قايتۇرۇۋېتىلگەنلىكىنىڭ سەۋەبى كۆرسىتىلمىگەن، پەقەتلا بۇ كىشىنىڭ خوڭكوڭغا كىرىشىنى خوڭكوڭ دائىرىلىرىنىڭ رەت قىلغانلىقىلا بىلدۈرۈلگەن» دېدى.
غوجا ئەخمەت سۆھبىتىمىز جەريانىدا يەنە، خوڭكوڭ ئايرودرومىدا ئۆزى بىلەن بىرگە دۇبەيدىن بىر ئايروپىلاندا كەلگەن بىر نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ۋە ئۇندىن باشقا تۆت نەپەر ئۇيغۇرنىڭمۇ ئايرودرومدا تۇتۇپ قىلىنغانلىقىنى بايان قىلدى.
ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 29-كۈنىدىن كېلەركى ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە خوڭكوڭدا زىيارەتتە بولىدىكەن شۇنداقلا بۇ جەرياندا خوڭكوڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان خونكوڭنىڭ ئەنگلىيەدىن قايتۇرۇۋېلىنغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغان بولۇپ، دائىرىلەر بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خوڭكوڭنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىنى كۈچەيتىۋەتكەن.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.
0:00 / 0:00