ياپونىيە ئاخباراتى: بېيجىڭ ئابېنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە سەزگۈرلۈك بىلەن دىققەت قىلماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2014.05.22
yaponiye-asasiy-qanun-tuzitish-yighin.JPG ياپونىيە تېلېۋىزورىدا تارقىتىلغان، ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ ياپونىيە ئاساسىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش سۆھبەت يىغىنىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان. 2014-يىلى ماي.
RFA/Qutluq

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ياپونىيەنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا يەنى تىنچلىق قانۇنىنىڭ توققۇزىنچى ماددىسىدا: «ياپونىيە ئۆزىنى قوغداش قىسمىنىڭ ھەربىي سالاھىيەت بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋە ياكى ئۇرۇش قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ. پەقەتلا مۇداپىئە قىلىش ھوقۇقىلا بولىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن ئىدى.

يېقىندا، ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەت مەزكۇر قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ھەققىدە جىددىي مۇزاكىرە ئېلىپ بارماقتا. ئەگەر بۇ قانۇن ئۆزگەرتىلسە ياپونىيە ئۇرۇش قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ. بۇ ئەھۋال، مەتبۇئاتلاردا قىزغىن مۇنازىرە پەيدا قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ جۈملىدىن خىتاينىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدىن «جاپان تايمېس گېزىتى» نىڭ 17-ماي سانىدا ئېلان قىلىنغان «بېيجىڭ، سېئول ئابېنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە سەزگۈرلۈك بىلەن دىققەت قىلماقتا» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي بىلەن كورېيە ئۆتكەن ھەپتە پەيشەنبە كۈنى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ ياپونىيە ئاساسىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىنى چەكلەش بۇيرۇقىنى بىكار قىلىش توغرىسىدا ئېلىپ بارغان مۇزاكىرە سۆھبەت يىغىنىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

شۇ كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ ياپونىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «خىتاي تەرەپ ياپونىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە سەزگۈرلۈك بىلەن دىققەت قىلىپ، ئىشنىڭ تەرەققىياتىنى كۆزىتىۋاتىدۇ» دېگەن. خۇا چۈنيىڭ خىتاي كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتى مۇخبىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «بىز ياپونىيەنى تارىخقا قاراپ بېقىشقا ۋە بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىمىز»، «ئابې ئاساسىي قانۇننىڭ توققۇزىنچى ماددىسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزمەكچى، بۇ خىل ئۆزگەرتىش ئۇرۇشتىن كېيىن بەلگىلەنگەن ئاساسىي قانۇندا چەكلەنگەن» دېگەن.

پەيشەنبە كۈنى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇننىڭ توققۇزىنچى ماددىسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش مۇزاكىرە سۆھبەت يىغىنىغا ياپونىيەنىڭ ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدا باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن سابىق ئەلچى شۇنجى ياناي قاتناشقان بولۇپ ئۇ، سۆزىدە ئاساسىي قانۇندىكى توققۇزىنچى ماددىنى ئۆزگەرتىشكە سەۋەبچى بولۇۋاتقان ئامىللار «بۇ رايوندا خىتاينىڭ ئۈزلۈكسىز ھەربىي ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇشى ۋە شۇنداقلا شىمالىي كورېيەنىڭ ئاتوم بومبا سىنىقىدۇر» دەپ ئېيتقان.

شۇ كۈنى كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياپونىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ياپونىيەنىڭ ئاساسىي قانۇنىدىكى بۇ ماددىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشىنى كورېيە تەرەپنىڭ قەتئىي قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى، ئەگەر بۇنىڭغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلسە، كورېيە يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتىنىڭ بىخەتەرلىكى تېخىمۇ جىددىيلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇننىڭ توققۇزىنچى ماددىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش مۇزاكىرە سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن، ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې بايانات ئېلان قىلىپ ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشتىكى ئۆز ھۆكۈمىتىنىڭ مۇددىئاسى ھەققىدە توختىلىپ، ياپونىيە ئۆزىنى قوغداش قىسمىنىڭ خەلقئارا بىخەتەرلىكنى ئورتاق ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا تېخىمۇ كۆپرەك رول ئوينىشىنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئاقساراي شۇ كۈنى ئۆز ئىپادىسىنى بىلدۈرۈپ «ئامېرىكا بۇ خىلدىكى مۇنازىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىنى قارشى ئالىدۇ ۋە شۇنداقلا قوللايدۇ. ياپونىيە قانۇنىدا كوللېكتىپ ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىغا ئىجازەت بېرىلگەن» دېگەن. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسىمۇ توكيونىڭ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش باياناتىنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ياپونىيە بىلەن بولغان ئەنئەنىۋى ھۆرمەت ۋە تىنچلىقنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بۇ يىل ئاپرېل ئېيىدا ياپونىيەدە زىيارەتتە بولغاندا باش ۋەزىر ئابې بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدە ياپونىيەنى قوللاپ، ياپونىيەنىڭ بۇ ئاساسىي قانۇنى توغرىسىدا قايتا ئويلىنىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلغان.

توكيودا شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش مۇزاكىرە سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن، ئىككى مىڭغا يېقىن كىشى يىغىلىپ باش ۋەزىر ئابېنىڭ ئىشخانىسى ئالدىدا بۇنىڭغا قارشى نامايىش ئېلىپ بارغان. نامايىشچىلار شوئار توۋلاپ، «ئۇرۇشقا قارشى تۇرىمىز» دېگەن خەتلەر يېزىلغان تاختىلارنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلغان.

ياپونىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى NHK نىڭ تور ئارقىلىق ئېلىپ بارغان شۇ كۈندىكى راي سىناش تەكشۈرۈشىدە 37% كىشى ئابېنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى قوللىغان.

ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ئەگەر بۇ قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلسە، بۇنىڭ بىلەن ياپونىيە ئۇرۇش قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدىكەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى سېئىجى ئاساسىي قانۇننىڭ توققۇزىنچى ماددىسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-ھازىر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قانۇن ئۆزگەرتىش مەسىلىسى باش ۋەزىر ئابېنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ، كۆپلىگەن سىياسىي پارتىيىلەر ئورتاق بىرلىككە كەلگەندىلا ئاندىن ۋۇجۇدقا چىقىشى مۇمكىن. لېكىن ھازىر سىياسىي پارتىيىلەر بىرلىككە كېلىپ بولالمىدى. بىرلىككە كەلگەن تەقدىردىمۇ ئەڭ ئاخىرى تەكلىپ ياپونىيە ئالىي سوت مەھكىمىسىگە يوللىنىپ شۇلارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك.

پروفېسسور سېئىجى مەزكۇر قانۇننىڭ تەستىقلىنىش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرىلىقى ھەققىدە توختىلىپ «ياپونىيە ئاساسىي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن بەلگىلىمىدە ئاساسىي قانۇننى تۈپتىن ئۆزگەرتىش مۇمكىن بولمىسىمۇ، ئەمما ئاساسىي قانۇن ئۆزگەرتىلمىگەن شەرت ئاستىدا ئۇنىڭ ئىچىدىكى ماددىلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن» دېدى.

سىياسىي ئىقتىساد پەنلىرى مۇتەخەسسىسى پروفېسسور سېئىجى ياپونىيەدە بۇ خىل قانۇننى ھازىرلاشقا زۆرۈر بولۇۋاتقان سەۋەبلەرنىڭ بىرى، خىتاينىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە ھەربىي جەھەتتىن ئۈزلۈكسىز تەھدىت سېلىشى، قوشنا ئەللەر بىلەن بولغان ئارال ماجىرالىرى دەپ كۆرسەتتى شۇنداقلا ئۇ يەنە، يېقىندا يۈز بەرگەن خىتاي بىلەن ۋىيېتنام، فىلىپپىن ئارىسىدىكى ۋەقەلەرنى مىسال قىلىپ ئۆتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.