باش شىتابى ۋاشىنگىتوندىكى خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە فوندىنىڭ ياپونىيە شۆبىسى 16 - يانۋار كۈنى توكيودىكى ئۇيغۇر ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيەسىدە ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلغان.
باياناتتا،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختىنى ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنى شەرتسىز دەرھال قويۇپ بېرىشى تەلەپ قىلىنغان.
دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، باياناتتا يەنە ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى ئىلھام توختى مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە، ياپونىيە پارلامېنتىنى ئىلھام توختىنى 2015 - يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتى قىلىپ كۆرسىتىشكە چاقىرىق قىلغان.
دىققىتىڭلار، دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم بىلەن بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزدە بولغاي.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.
0:00 / 0:00