ئامېرىكا ئەدلىيە دائىرىلىرىنىڭ دوكلاتىدا ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ گۈەنتانامودا خىتاي سوراقچىلارغا ھەمكارلاشقانلىقى پاش قىلىندى
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.05.23
2008.05.23
دوكلاتتا، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ 2002 - يىلى خىتاي سوراقچىلىرىنىڭ گۈەنتانامونى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى تېرگاۋ قىلىشقا يول قويۇشقا پوتۇشكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باش مۇپەتتىشى گلەن فايىن Glenn Fine نىڭ دوكلات قىلىشىچە، گۈەنتانامودىكى بىر ئۇيغۇر تۇتقۇن بىلەن ئۇلارنىڭ تەرجىمانى فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمىغا، خىتاي سوراقچىلار ئۇيغۇرلارنى تېرگاۋ قىلىشتىن بۇرۇن تۇتقۇنلارنى ئۇزۇن مەزگىلگىچە ئۇخلاتمىغانلىقىنى، غىزالاندۇرمىغانلىقىنى، نەچچە سائەتلەپ سوغۇقتا تۇرۇشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ ھەقتىكى بىر خەۋەردە ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋۇكاتى سۇزان مەننىڭنىڭ Susan Manning گۈەنتانامودىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارغا قىيناش تاكتىكىسى ئىشلىتىش بىلەن ئەيىبلىگەنلىكى يېزىلدى. باش مۇپەتتىش گلەن فايىننىڭ دوكلاتىدا ئەسكەرتىشىچە، بىر ئۇيغۇر تۇتقۇن فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ خادىمىغا خىتاي سوراقچىلار ئۇنى تېرگاۋ قىلىدىغان كۈننىڭ كېچىسى ئۆزىنىڭ ھەر 15 مىنۇتتا بىر قېتىم ئويغۇتۇلغانلىقىنى، ئۇزۇن مەزگىلگىچە سوغۇق ئۆيگە سولاپ قويۇلغانلىقىنى، ئاز دېگەندە بىر قېتىم تاماق يىيەلمىگەنلىكىنى ئېيتقان.
دوكلاتتا، بۇ سوراقلارغا بەزىدە ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ قاتناشقانلىقىنى، بەزىدە خىتاي سوراقچىلارنىڭ ئۆزى يالغۇز ئېلىپ بارغانلىقىنى يازدى. لېكىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى گۈەنتانامودىكى 17 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇن خىتايغا قايتۇرۇلسا، ئۇلارنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچراش ياكى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش ئېھتىمالىدىن ئەنسىرەپ، 3 - بىر دۆلەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى، لېكىن ئۇلارنى قوبۇل قىلىدىغان 3 - بىر دۆلەتنىڭ چىقمايۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. تۇتقۇنلارنىڭ يەنە بىر ئادۋۇكاتى سەيبېن ۋىللېت يېقىندا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى ئامېرىكىدا ئېلىپ قېلىشنى تەلەپ قىلدى.