ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ئاپەت سەۋەبىدىن پائالىيەتلىرىنى قىسقارتتى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.09.01
2008.09.01
جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى نامزاتى جون مېككېيىننىڭ بارلىق يىغىن ۋە باشقا پائالىيەتلىرىنىڭ دىرېكتورى رىك دېيۋىسنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، ھازىر مەزكۇر پارتىيە مېكسىكا قولتۇقىغا جايلاشقان شىتاتلاردىكى پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكىنى ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى، مۇشۇنداق بىر پەيتتە سىياسىي تەبرىكلەش مۇراسىمىنىڭ زۆرۈر ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.
ھازىر ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلار خىزمەت گۇرۇپپىسى ۋە ئىنفورماتسىيە مەركىزى تەشكىللىگەن بولۇپ، ئۇلار مېكسىكا قولتۇقىغا جايلاشقان لۇيىسىيانا، تېكساس، مىسسىسسىپى، ئالاباما ۋە فلورىدا شىتاتلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەردىن ئاپەت سەۋەبىدىن يۇرتلىرىغا قايتىشنى تەلەپ قىلىدىغانلارنى توشۇيدىغان مەخسۇس ئايروپىلان ئاجراتقان.
مەلۇم بولۇشىچە ھازىر مەزكۇر رايونلاردىن ئىككى مىليونغا يېقىن ئادەم تارقاقلاشتۇرۇشقا باشلىغان. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى مىننېسوتا شتاتنىڭ سىنت پائۇل شەھىرىدە 1 - ئاۋغۇست ئېچىلىدىغان بولۇپ، ئەسلى كۈنتەرتىپى بۇيىچە بۇ كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى قۇرۇلتايدا نۇتۇق سۆزلىمەكچى ئىدى.
ئەمما پرېزىدېنت بۇش ئۆزىنىڭ قۇرۇلتايغا قاتناشمايدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كىيىن ئاپەت رايونى تېكساس شتاتىغا يول ئالغان.