ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى قورال سودىسى قايتىدىن باشلاندى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩلى ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.08.27
2008.08.27
تەيۋەن پرېزىدېنتى مايىڭجيۇ تەختكە چىقىپ، خىتاي - تەيۋەن ئوتتۇرىسىدا يېقىنلىق كۆپىيىشكە باشلىغاندىن كېيىنمۇ، خىتاينىڭ تەيۋەنگە بولغان تەھدىتى پەسەيمىگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ پىلاننى ئىجرا قىلىش ھازىر يەنە قايتىدىن باشلاندى.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكا مۇشۇ ھەپتىدە تەيۋەنگە دېڭىز يۈزىدىكى ھەربىي پاراخوتلارنى پاچاقلاش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان خارپۇن بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن 60 نى سېتىپ بېرىدۇ. تەيۋەن قىسىملىرىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئامېرىكا تەيۋەنگە يەنە سۇ ئاستى پاراخوتلارغا تاقابىل تۇرىدىغان P - 3C بەلگىلىك ئايروپىلان، F - 16C/ D بەلگىلىك ھۇجۇمچى ئايروپىلان ۋە سۈنئى ھەمرا ئارقىلىق يۆنىلىش بەلگىلەيدىغان GPS سىستېمىسى سېتىپ بېرىدۇ.
خەۋەر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، 1949 - يىلى جاڭكەيشى بىلەن ماۋزېدوڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكى ئۇرۇشتا تەيۋەن خىتايدىن ئايرىلىپ چىققان ئىدى.