خىتاي - ئامېرىكا ئىستراتېگىيىلىك ئىقتىسات سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلدى

ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان ئامېرىكا - خىتاي ئىستراتېگىيىلىك ئىقتىساد سۆھبىتى سەيشەنبە كۈنى پايتەخت ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئانناپولىس شەھىرىدە باشلاندى. سۆھبەت مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋاڭ چىشەن باشچىلىقىدىكى خىتاي ئۆمىكى بىلەن، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى پائۇلسون يېتەكچىلىكىدىكى ئامېرىكا سۆھبەت ئۆمىكى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلمەكتە.

ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، ئېنېرگىيە ۋە مۇھىت مەسىلىسى سۆھبەت كۈنتەرتىپىدىكى مۇھىم تېمىلار بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندىن بېرى خەلق پۇلى قىممىتىنىڭ ئۆرلىشى سەۋەبىدىن ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى خەلق پۇلى قىممىتىنى چۆرىدىگەن تالاش - تارتىشلار بىر ئاز يۇمشىغان بولۇپ، بۇ، سۆھبەتنىڭ نېفىت باھاسى، ئېنېرگىيىنى ئەقىلغا مۇۋاپىق ئىشلىتىش، مۇھىتنى قوغداش قاتارلىقلارغا مەركەزلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن خەلق پۇلى قىممىتىنىڭ ئۆسۈشى خىتاي ماللىرىنىڭ باھاسىنى ئۆرلىتىپ، ئۆي بازىرى ۋە بېنزىن باھاسىنىڭ بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتقان ئامېرىكا ئىستىمالچىلىرىغا يۈك بولۇپ قالدى.

خىتاي سۆھبەت ئۆمىكى تەركىپىدىكى 120 كارخانا ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە زور كۆلەملىك سېتىۋېلىش توختاملىرىنى تۈزۈپ، خىتاي - ئامېرىكا ئارىسىدىكى سودا قىزىل رەقىمىنىڭ يۈكىنى بىر ئاز بولسىمۇ يەڭگىللىتىشكە تىرىشىدىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي تەرەپنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئىمزالىغان مال سېتىۋېلىش توختىمى 8 مىليارد دوللاردىن ئاشقان. ئامېرىكا خىتاينىڭ ئېنېرگىيىنى ئەقىلغە مۇۋاپىق قوللىنىپ، يەر شارى ئېنېرگىيە ئېھتىياجى دۇچ كېلىۋاتقان بېسىمنى يەڭگىللىتىشنى ئۈمىد قىلماقتا. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى پائۇلسون، خىتاينى مەملىكەت ئىچىدە يېقىلغۇ ياردەم پۇلىنى بىكار قىلىشقا چاقىردى.