ئاقساراي: ئامېرىكا خىتاينىڭ نارازىلىقىغا ئەمەس، كىشىلىك ھوقۇقىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.08.01
2008.08.01
ئاقساراينىڭ باياناتچىسى دانا پەرىنو جۈمە كۈنى پرېزىدېنت بۇشنىڭ مەين شتاتىدىكى قورۇقىدا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، " بىز ئۇلارنىڭ تەنقىدى پىكرىدىن كۆپرەك، كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى ھەرىكىتىگە كۆڭۈل بۆلىمىز " دەپ كۆرسەتتى.
پەرىنو، " بىز ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيىدە ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلىشى شۇنداقلا پرېزىدېنت بۇشنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانىنى تونۇشىنى كۆرۈشنى خالايمىز" شۇنداقلا، " مېنىڭچە بىز پرېزىدېنتنىڭ ئۆكتىچى زاتلار بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگە ئۇلارنىڭ نېمىلەرنى دېگەنلىكىدىن كۆپرەك، خىتاينىڭ ئىچىدە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىغا قىزىقىمىز،" دەيدۇ.
خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئاقسارايدىكى تۇرالغۇسىدا رابىيە قادىر خانىم ۋە تۆت نەپەر خىتاي دېموكراتچى زات بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى تەنقىد قىلىپ، "بۇ جۇڭگوغا قارشى دۈشمەن كۈچلەرگە خاتا سىگنال بەرگەنلىك" دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.
پرېزىدېنت بۇش بۇ كىشىلەر بىلەن كۆرۈشكەندە ئۆزىنىڭ ئولىمپىك مۇراسىمىغا بارغاندا ئۇلارنىڭ ئەركىنلىك توغرىسىدىكى پىكىر تەلەپلىرىنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋغا يەتكۈزۈشكە ۋەدە بەرگەن. رابىيە قادىر خانىم، بۇشنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسىنى توختىتىش، تېررورلۇق ۋە ئولىمپىكنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا زەربە بەرمەسلىك، دىنىي ئىبادەت ئەركىنلىكى، ئولىمپىك باھانىسىدا قولغا ئېلىنغانلارنى قويۇۋېتىش... قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلغان.