ئامېرىكا، بېيجىڭ ئولىمپىكىدىن رازى بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا ئولىمپىكنىڭ خىتايغا تەسىر قىلمىغانلىقىنى، يەنى دۇنياغا ئېچىلىش ۋە ئەپۇچانلىق جەھەتتە خىتايدا ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاق ساراي ئولىمپىكنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە خىتاينىڭ 8 نەپەر ئامېرىكىلىق تەنھەرىكەتچىنى تىبەتنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن يەكشەنبە كۈنى چېگرادىن ھەيدەپ چىقارغانلىقىنى ئەيىبلىدى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر خەۋىرى
2008.08.25
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئاق ساراينىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا يەنە، بېيجىڭدا نامايىشچىلار ئۈچۈن ئايرىلغان باغچىدا ھېچقانداق نامايىشقا يول قويۇلمىغانلىقى، 77 پارچە نامايىش ئىلتىماسىنىڭ رەت قىلىنغانلىقى، بىرقىسىم ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، "ئەركىن تىبەت" دەپ يېزىلغان لوزۇنكىلارنىڭ يىغىۋېلىنغانلىقى قاتارلىق ۋەقەلەرنى بىر ئوچۇق جەمئىيەتنىڭ ئىپادىلىرى ئەمەس دەپ كۆرسىتىلدى.

ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىسى كلارك ت. راند يەكشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، " بىز خىتاينىڭ ئولىمپىك ئاتا قىلغان پۇرسەتنى توغرا قوللانمىغانلىقى ئۈچۈن نارازىمىز" دەيدۇ. ئۇ سۆزىدە يەنە خىتاينى، ئولىمپىكتىن كېيىن خىتايدىكى بارلىق خەلقلەرنىڭ، دىنىي ئەركىنلىك ۋە پىكىر ئەركىنلىكى قاتارلىق ئىنسانى ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىشقا تەكرار چاقىردى.

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ يەكشەنبە كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، كومىتېت باشلىغى روگىي سۆز قىلىپ، ئولىمپىكنىڭ خىتاينىڭ دۇنياغا ئېچىلىشىغا پايدىسى بولغانلىقىنى بىلدۈردى؛ ئۇ بۇ سۆزلىرى بىلەن بىرلىكتە يەنە خىتاينىڭ ئولىمپىك مەزگىلدە ھېچقانداق بىر نامايىشقا يول قويمىغانلىقىغا ئەجەپلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.