ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ زىمبابۋېنى جازالاش پىكرى خىتاينىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى

چارەك ئەسىردىن بۇيان زىمبابۋېدە ھوقۇق تۇتۇپ كېلىۋاتقان روبېرت مۇگابې ناھەق ۋاسىتىلەر بىلەن زىمبابۋېگە يەنە پرېزىدېنت بولۇپ سايلىغاندىن كىيىن، ب د ت دە ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى بىر قانچە دۆلەتلەر زىمبابۋېگە جازا قوللىنىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى.
مۇخبىرىمىز جۈمە خەۋىرى
2008.06.30

 بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدا زىيارەتتە بولغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايس خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت جەريانىدا زىمبابۋﯤ سايلام مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما ياڭ جيېچى ھازىر زىمبابۋېدىكى ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن تەرەپلەر ئارىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى بىرقەدەر مۇۋاپىق دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شەنبە كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش، مۇگابېنىڭ ھۆكۈمىتىنى "قانۇنسىز ھۆكۈمەت" دەپ ئاتاپ، ئامېرىكىنىڭ ئۆز ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە زىمبابۋېگە تېخىمۇ ئېغىر جازا قوللىنىش ئۈستىدە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ئۇ يەنە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىدىن زىمبابۋېگە قورال ‏ - ياراق ئېمبارگوسى قويۇش ۋە زىمبابۋﯤ رەھبەرلىرىنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە سەپەر قىلىش ھوقۇقىنى چەكلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە جازا قوللىنىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

زىمبابۋېدە ئېلىپ بېرىلغان پرېزىدېنت سايلىمىدا، زىمبابۋېدىكى ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيە رەھبىرى مورگان تسۋاڭىرائى سايلام ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلانغاندىن كېيىن، زىمبابۋېدە 1980 - يىلىدىن بۇيان ھوقۇق تۇتۇۋاتقان مۇگابې سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە يەكشەنبە كۈنى پرېزىدېنتلىق ھوقۇقىنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، بۇ مۇگابېنىڭ زىمبابۋېگە 6 - قېتىم پرېزىدېنت بولۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.