ئامېرىكىدا سەككىز مىليون مۇسۇلمان رامىزاننى داغدۇغىلىق باشلىدى

ئامېرىكىدا سەككىز مىليون مۇسۇلمان رامىزاننى داغدۇغىلىق باشلىدى. ئامېرىكىدىكى سەككىز مىليون مۇسۇلماننىڭ بىر قىسمى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كۈچۈپ كېلىپ يەرلەشكەن ئامېرىكىلىقلار، يەنە بىر قىسمى ئامېرىكىدا تۇپرىقىدا تۇغۇلۇپ - ئۈسكەن مۇسۇلمان. يەنە بەزىلىرى چەتئەل مۇھاجىرلىرى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩلى ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.09.03

 ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، رامىزان باشلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكىدا ھەر قايسى جايلاردا مەسچىتلەردە ناماز ئۆتەش، ئىپتار قىلىش پائالىيەتلىرى كۆپەيدى. مەسچىتلەردە خىلمۇ - خىل دۆلەت بايراقلىرى ۋە مىللەت بەلگىلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ۋاشىنگتون ئىسلام مەركىزىدىكى پەلەستىنلىك ئېمىەن كۇيى ئىپتاردا مۇخبىرغا 'رامىزاندا مۇسۇلمانلار ئېتىقادىنى ۋە ئىتتىپاقلىق ئارزۇيىنى تاۋلايدۇ' دەپ چۈشەندۈرگەن.

سېنىگالدىن كەلگەن ئامېرىكىلىق ئامىنە تامبۇچ خانىم 'بۇ ئامېرىكىچە رامىزان، بۇ دۆلەتتە مۇسۇلمانلار كۈندۈزدە خۇددى ئەرەب ئەللىرىدىكىدەك ئۆيدە تۇرمايدۇ، بەلكى ھەممە ئادەم سىرتتا ئۆز خىزمىتىنى قىلىدۇ، مەكتەپلەردە ئوقۇيدۇ. رامىزان پائالىيىتىنى ھەر كىم ئۆزى ئەركىن ئورۇنلاشتۇرىدۇ' دەپ چۈشەندۈرگەن.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.