باراك ئوباما دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتلىقىنى قوبۇل قىلدى

ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى باراك ئوباما پەيشەنبە كۈنى كەچ يەنى ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ دۆلەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ ئاخىرقى كۈنى دەنۋېر شەھىرىدىكى بىر تەنتەربىيە مەيدانىدا مەزكۇر پارتىيىنىڭ 75 مىڭ كىشىلىك قۇرۇلتاي ۋەكىلى ۋە قوللىغۇچىلىرىغا نۇتۇق سۆزلەپ، دېموكراتلارنىڭ پرېزىدېنت نامزاتلىقىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.08.29

 ئوباما ئامېرىكا تارىخىدا بۇ نۆۋەتلىك پرېزىدېنتلىقنى تالىشىدىغان ئىككى پارتىيىنىڭ بىرى تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن ئافرىقا ئىرقىدىكى ئامېرىكىلىقتۇر. ئۇ نۇتۇقىدا ھەر بىر ئامېرىكىلىقنىڭ ئامېرىكا غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ئوخشاش پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى، ئامېرىكا ئىقتىسادىدىكى چېكىنىشنى ئوڭشايدىغانلىقى ۋە ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا ئورنىنى تەكرار تىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئوباما يەنە پرېزىدېنت بۇشنىڭ سىياسىتىنى تەنقىد قىلىپلا قالماي، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى جون مىكېيننى تەنقىد قىلىپ، مىكېيىننىڭ بۇش ھاكىمىيەت سورىغان 8 يىل جەريانىدا بۇشنىڭ سىياسىتىنىڭ %90 نى قوللىغانلىقىنى ئەيىبلىدى. ئۇ" ئۆتكەنكى 8 يىلدا بىزنىڭ ئەھۋالىمىز ھازىرقىدىن ياخشى بولۇشى كېرەك ئىدى. دۆلىتىمىزنىڭ ئەھۋالى ھازىرقىدىن ئوبدان بولۇشى لازىم ئىدى،" دەپ كۆرسەتتى.

ئوبامانىڭ پەيشەنبە كۈنى دەنۋېر شەھىرىدىكى ئىنۋەسكو تەنتەربىيە مەيدانىدا سۆزلىگەن نۇتقى ئامېرىكا خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى مارتىن لۇتېر كىڭنىڭ 1963 ‏ - يىلى "مېنىڭ بىر غايەم" دېگەن مەشھۇر نۇتۇقىنى ئېلان قىلغان كۈن بىلەن ئوخشاش بىر كۈنگە توغرا كەلدى.

ئوباما بۇ نۆۋەتلىك سايلامنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىنى ئەسكەرتىپ " بۇ مىنۇتلار ‏ - بۇ قېتىمقى سايلام بىز ئۈچۈن 21 - ئەسىردە ئامېرىكا ۋەدىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلىشىمىزدىكى بىر پۇرسەت،" دەيدۇ. دېموكراتلار رىقابەتچى پارتىيە جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ دۆلەتلىك قۇرۇلتىيى كېلەر دۈشەنبە كۈنى مىننېسوتا شتاتىنىڭ مىئانناپىئولىس شەھىرىدە ئېچىلىدۇ.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.