پرېزىدېنت بۇش بېيجىڭدا ئىبادەت پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، خىتاينى دىنىي ئەركىنلىكتىن قورقماسلىققا چاقىردى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش يەكشەنبە كۈنى بېيجىڭدىكى بىر پروتېستانت چېركاۋىنىڭ يەكشەنبىلىك ئىبادەت پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى دىنىي ئەركىنلىكتىن قورقماسلىققا چاقىردى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.08.11

 بۇش بۇ سۆزلەرنى يەكشەنبە كۈنى بېيجىڭدىكى كۇانجيې چېركاۋىنىڭ دىنىي ئىبادەت پائالىيىتىگە قاتناشقاندا تەكىتلىگەن بولۇپ، بۇش كۇانجيې چېركاۋىدا خىتاي خرىستىئان بالىلارنىڭ يەكشەنبىلىك دىنىي خورىنى ئاڭلىغان ۋە بالىلار بىلەن خاتىرە رەسىمگە چۈشكەن ئىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ شۇنى كۆرسىتىدۇكى، تەڭرى بولمىغان يەر مەۋجۇت ئەمەس. ھەر قانداق دۆلەت، ھەر قانداق شەخس ئادەمگەرچىلىكنى ئۆگىتىدىغان دىننىڭ تەسىر كۈچىدىن قورقماسلىقى كېرەك."

 لېكىن شۇ كۈنى خىتاي ساقچىلار كۇانجيې چېركاۋىدىكى ئىبادەتكە قاتناشماقچى بولغان بېيجىڭدىكى بىر يەر ئاستى پروتېستانت چېركاۋىنىڭ مەسئۇلى ليۇ خۇيچىنى پائالىيەتكە قاتناشتۇرماي تۇتۇپ كەتكەن. ليۇ خۇيچىنىڭ ئائىلە تاۋاباتىدىكىلەر، ليۇ خۇيچىنىڭ كۇانجيې چېركاۋىدىكى يەكشەنبىلىك ئىبادەت پائالىيىتىگە كېتىۋاتقاندا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر قويۇپ بېرىلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ليۇ خۇيچى كۇانجيې چېركاۋىدا چۆمۈلدۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ پرېزىدېنت بۇش بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىش ئۈمىدىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ يەكشەنبىلىك ئىبادەتنى مەزكۇر چېركاۋدا ئۆتكۈزمەكچى بولغان ئىكەن. بۇش كۇانجيې چېركاۋىدا ئىبادەتكە قاتناشقان شۇ كۈنى يەنە خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، كىشىلىك ھوقۇق ۋە باشقا سەزگۈر مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.