جورج بوش كوسوۋا رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ سەيشەنبە خەۋەر ئېلان قىلىشىچە، دۈشەنبە كۈنى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بوش، ئاق سارايدا كوسوۋانىڭ رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋالغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.07.22

 بۇ ئۇچرىشىش، كوسوۋانىڭ بۇ يىل ئىككىنچى ئايدا سېربىيىنىڭ ئىشغالىيىتىدىكى بىر ئۆلكە بولۇش تارىخىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مۇستەقىللىق ئېلان قىلغاندىن كېيىنكى،ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشى ھېسابلىنىدۇ.

كوسوۋا پرېزىدېنتى فاتمېر سەيىدى ۋە باش مىنىستىرى ھاشىم تاجى بىلەن كۆرۈشكەن جورج بوش، ئۆزىنىڭ كوسوۋا مۇستەقىللىقىنى قىزغىن قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەندىن سىرت يەنە،" مەن ھازىرغا قەدەر كوسوۋا مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلمىغان باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ تېز ئارىدا كوسوۋا مۇستەقىللىقىنى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن، كوسوۋانى پارچىلاش مەقسىتىدىكى ھەر قانداق ھەرىكەتكە قارشى تۇرىمەن" دېگەن.

كوسوۋا ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ۋە يەنە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بوش كوسوۋانىڭ بۇ ئارزۇسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 17 - فېۋرال كۈنى كوسوۋا مۇستەقىللىق ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەركىن، دېموكراتىك ۋە ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. كوسوۋا مۇستەقىللىق ئېلان قىلغاندىن ئېتىبارەن، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا مۇتلەق كۆپ قىسىم دۆلەتلەر شۇنىڭدەك تۈركىيە، ئافغانىستان قاتارلىق بىر قىسىم مۇسۇلمان مەملىكەتلىرى بولۇپ 40 تىن ئارتۇق دۆلەتلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

كوسوۋا جۇمھۇرىيىتى بالقان يېرىم ئارىلىدىكى سېربىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا توغرا كېلىدۇ. ئىككى مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىسى بولۇپ، %90 نى مۇسۇلمان ئالبانلار ئىگىلىگەندىن باشقا يەنە، نوپۇسى %10 گە يەتمەيدىغان سېربلار، كرودىيىلىكلەر، تۈركلەر ھەم قارا تاغلىقلار ياشايدۇ.

بوش بۇ ئۇچرىشىشتا يەنە، كوسوۋا رەھبەرلىرىنىڭ ۋەدىسىدە تۇرۇپ كوسوۋادا ھەر مىللەتلەرگە باراۋەر سىياسەت يۈرگۈزگەندىلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. سۆھبەتتىن كېيىن كوسوۋا باش مىنىستىرى ھاشىم تاجى مۇخبىرلارغا كوسوۋا ھۆكۈمىتى كوسوۋا چېگرىسى ئىچىدە ياشاۋاتقان سېرب قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرگە باراۋەر ھوقۇق بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.