پرېزىدېنت بۇش ئەنگىلىيىنى زىيارەت قىلدى

ياۋروپادىكى سلوۋېنىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ھەم ۋاتىكاننى زىيارەت قىلغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش يەكشەنبە كۈنى بۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى سۇپىتىدە ئەنگلىيىگە يېتىپ كېلىپ، بۇ دۆلەتكە قاراتقان دۆلەت زىيارىتىنى باشلىدى.

پرېزىدېنت بۇش لوندونغا كەلگەندىن كېيىن خان سارىيىدا ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئىلزابىت ئىككىنچى بىلەن كۆرۈشتى.

پرېزىدېنت بۇس بۇ كۈنى يەنە ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى براۋن بىلەن سۆھبەتلەر ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئەنگىلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدە ئىران ۋە ئىراق مەسىلىسى ۋە ئىراقتىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش مەسىلىلىرى قاتارلىق بىر قاتار خەلقئارالىق مەسىلىلەر بويىچىمۇ پىكىر ئالماشتۇرغان.

ئالدىنقى ھەپتىدە ئەنگىلىيە تەرەپ بەلكى ئىراقتىكى قوشۇنلىرىنى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا چېكىندۈرۈپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاخىرقى قارارنى تېخى چىقارمىغان ئىدى. بۇ قېتىم يەنە، ئامېرىكا - ئەنگىلىيە رەھبەرلىرى ئېنېرگىيە، يېمەك - ئىچمەك ۋە باشقا بىر قاتار خەلقئارا خاراكتېرلىق مەسىلىلەرنىمۇ مۇزاكىرىلەشكەن.