ئامېرىكا - چېخ ئىمزالىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى رادار سىستېمىسى كېلىشىمىگە رۇسىيە جىددىي ئىنكاس قايتۇردى

ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايس تۈنۈگۈن چېخ رېسپوبلىكىسى پارلامېنتى بىلەن چېخ زېمىنىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى رادار سىستېمىسى قۇرۇشقا كېلىشكەن ئىدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، رۇسىيە بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ 'ئەگەر ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى مۇداپىئە سىستېمىسى رۇسىيىنىڭ چېگرىسىغا بۇنداق يېقىن جايدا ئورۇنلاشتۇرۇلسا، رۇسىيە بۇنىڭغا دېپلوماتىيە شەكلى بىلەن ئەمەس، بەلكى ھەربىي ئىنكاس قايتۇرىدۇ' دەپ تەھدىت سالغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا پولشادا، پولشانىڭ ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش شەرتى بىلەن، دۈشمەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى توسۇش ئۈچۈن 10 دانە راكېتا سىستېمىسى قۇرغان ئىدى.

ئامېرىكا بۇ سىستېمىنى قۇرۇشتا 'لۈكچەك دۆلەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن' دېگەن ئىبارىنى قوللانغان ئىدى. ئامېرىكا بۇ قېتىم چېختا ئورۇنلاشتۇرماقچى بولغان رادار سىستېمىسىمۇ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.