كېنىيە ئايرودرومىدا پىل چىشى ئېلىپ ماڭغان ئىككى خىتاي توسۇۋېلىندى

كېنىيەنىڭ ياۋايى ھايۋاناتلارنى قوغداش ئورگىنى بۈگۈن كېنىيە خەلقئارا ئايرودرومىدا، 36 دانە پىل چىشىنى ئېلىپ ماڭغان ئىككى خىتاي ئايالنى توسۇۋالدى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى خەۋىرى
2008.07.16

 فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ نايروبى شەھىرىدىن خەۋەر قىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ خەلقئارا تىجارەت ئورگىنى خەتەرلىككە يۈزلىنىۋاتقان ياۋايى ھايۋاناتلارنى قوغداش ئۈچۈن، 1989 ‏ - يىلى پىل چىشى تىجارىتىنى مەنئىي قىلغاندىن كېيىن، كېنىيىدە ياۋايى پىل سانى 1973 ‏ - يىلىدىكى 16 مىڭدىن كۆپىيىپ 167 مىڭغا يەتكەن. پىل ھازىرمۇ كېنىيىدە قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋانات، پىل چىشى تىجارىتى بولسا چەكلەنگەن تىجارەت.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ياۋايى ھايۋاناتلارنى قوغداش پائالىيەتچىلىرى بۈگۈن بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنى ئەگەر خىتاينىڭ ئافرىقىدىن پىل چىشى ئىمپورت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنسا، بۇنىڭدىن كېيىن ئافرىقا پىللىرىغا بالايى - ئاپەت كېلىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.