دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: باراۋەرسىزلىك ساغلاملىقنىڭ دۈشمىنى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى جەمئىيەت باراۋەرلىكىنى تەشەببۇس قىلىپ، دۆلەتلەر ئارا ھەمدە دۆلەتلەر ئىچىدىكى ئاھالىلارنىڭ تەن - ساغلاملىقىنىڭ بىردەك بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.08.28

 دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر مەسىلىگە مەسئۇل كومىتېتىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، بىر دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىدا شۇ دۆلەت ئاھالىسىنىڭ ساغلام بولۇشى مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكى، جەمئىيەت باراۋەرلىكى مەسىلىسىنىڭمۇ بۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتىدىغان يەنە بىر ھەل قىلغۇچ ئامىل ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

دوكلاتتا يەنە بىر دۆلەتتە ئاز سانلىق ھېسابلانغان مىللەتلەرنىڭ دىنىي ۋە ئىرقىي ۋە باشقا مۇناسىۋەتلەر تۈپەيلى جەمئىيەتنىڭ چەتكە قېقىشىغا ھەم بېسىمىغا دۇچ كەلسە، بۇنىڭ شۇ مىللەتنىڭ ساغلاملىق سۈپىتىگە ئېغىر نۇقسان يەتكۈزىدىغانلىقى ئىپادىلەنگەن.

چەتئەللەردە سەھىيە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەر، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئوتتۇرىغا قويغان قاراشلارنى شەرھىلەپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ساغلاملىق سۈپىتىنىڭ ئىنتايىن ناچارلىشىپ كەتكەنلىكىنى، بولۇپمۇ سىياسىي بېسىم ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل ئېغىر كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىۋاتقانلىقىنى ھەمدە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.