فىلىپپىندىكى تەيفېڭ بورىنى ئاپىتىدە 150دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار خەۋىرى
2008.06.22
2008.06.22
ب ب س نىڭ ئۇچۇرىدا ئېيتىلىشىچە، 600 دىن ئارتۇق يولۇچى، 100 دىن ئارتۇق پاراخوت خادىمى ۋە ماتروس بار "يۇلتۇز نۇر خانىش" ناملىق پاراخوت فىلىپپىن دېڭىز تەۋەلىكىدە تەيفېڭ بورىنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ، فىلىپپىن دېڭىز ئارمىيىسى ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئىزدەش ئېلىپ بارغان.
بۇ پاراخوت شەنبە كۈنى ھادىسىگە ئۇچرىغان بولۇپ، بىراق دولقۇن ھەددىدىن زىيادە كۈچلۈك بولغاچقا ئىزدەش ئىشلىرى مۇمكىن بولمىغان. ئەمما، يەكشەنبە كۈنى داۋاملىق ئىزدەش باشلانغان. فىلىپپىن تەرەپنىڭ پەرەز قىلىشىچە، مەزكۇر پاراخوتنىڭ تەيفېڭ بورىنىدا چۆكۈپ كەتكەن بولۇشىنىڭ ئېھتىماللىقى زور. ھازىرغىچە پەقەت تۆت نەپەر ئادەم قۇتۇلدۇرۇلغان بولۇپ، قالغانلىرىنىڭ ئىز - دېرىكى يوق.
مەزكۇر تەيفېڭ بورىنى سائىتىگە 150 كىلومېتىر تېزلىكتە فىلىپپىننىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي قىسمىدا تۆت سائەت داۋاملاشقان بولۇپ نۇرغۇن ئۆيلەر ۋەيران بولغان. يوللار بۇزۇلغان، توك سىملىرى ئۈزۈلگەن. ھۆكۈمەت 100 مىڭ ئادەم چىقىرىپ قۇتۇلدۇرۇش ئىشلىرى ئېلىپ بارغان ھەمدە دۆلەت ئىچىدىكى ھاۋا يوللىرى ۋاقتىنچە قاتناش توختاتقان. بۇ بىر قېتىملىق ئېغىر ۋەقە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.