گرۇزىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رۇسىيە قوشۇنلىرىنىڭ تېخى چېكىنمىگەنلىكىنى بىلدۈردى
بلۇمبېرگ تورىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، گرۇزىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گىگا بوكەرىا رۇسىيە قوشۇنلىرىنىڭ تېخىچە گورى شەھىرىنى بېسىپ يېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ گورى شەھرىدىن چېكىنمەسلىكى، رۇسىيىنىڭ گرۇزىيىنى مۇقىمسىزلاشتۇرۇش قەستىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ھەمدە بۇنىڭ قوشنا دۆلەت ئەرمىنىيىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شەنبە كۈنى رۇسىيە پرېزىدېنتى دېمىتىرى مېدۋېدېىۋ تىنچلىق كېلىشىمگە ئىمزا قويغان بولۇپ، كېلىشىمدە رۇسىيە قوشۇنلىرىنىڭ بېسىۋالغان گرۇزىيە رايونلىرىدىن دۈشەنبە كۈنى چېكىنىشكە باشلايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
ھالبۇكى رۇسىيە ۋە خىتاي ئاخباراتلىرى گرۇزىيە پايتەختى تبىلىسىگە 35 كىلومېتىر قالغۇچە بېسىپ كىرگەن رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ چېكىنىشكە باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلىشماقتا.