پاكىستاندا يوقاپ كەتكەن ئىككى نەپەر خىتاي ئىنژېنېرنى تالىبانلار گۆرۈگە ئېلىۋالغان
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.09.02
2008.09.02
تالىباننىڭ دىر رايونىغا جايلاشقان سىۋات جىلغىسىدىكى باياناتچىسى مۇسلىمخاننىڭ روېيتېرس ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا " بىزنىڭ ئادەملىرىمىز ئىككى خىتاي ئىنژېنېرنى گۆرۈگە ئالدى، بىز ھازىر ئۇلارنى قاماپ قويدۇق " دېگەن.
تالىبانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گۆرۈگە ئېلىنغانلار ھازىرچە ئامان - ئىسەن بولۇپ، بۇلارنىڭ تەقدىرى تالىبانلارنىڭ ئىنفورماتسىيە مەركىزى تەرىپىدىن بېكىتىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئالماشتۇرۇش شەرتىنى پاكىستان ھۆكۈمىتىگە جاكارلاش ئالدىدا ئىكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يوقاپ كەتكەن ئىككى نەپەر خىتاي ئىنژېنېر ۋە ئۇلارغا شوپۇر ھەم قوغدىغۇچى بولغان ئىككى پاكىستانلىق جۈمە كۈنى پاكىستاننىڭ ئافغانىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغان، تالىبانلار ھەرىكەتلىنىپ يۈرۈدىغان پاكىستاننىڭ دىر دېگەن قەبىلە رايونىدا ئالاقە ئۈسكۈنىسىنى رېمونت قىلىپ قايتىش يولىدا گۆرۈگە ئېلىنغان.
گۆرۈگە ئېلىنغان ئىككى نەپەر خىتاي ئىنژېنېر خىتاي كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ خادىملىرى بولۇپ،پاكىستان ھۆكۈمىتى خىتايدىن ئەۋەتىلگەن خادىملارنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەخسۇس ئادەم ئاجرىتىپ قوغداپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ يوقاپ كېتىش، گۆرۈگە ئېلىنىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ تۇرماقتا.
بۇ پاكىستاندا خىتاي ئىنژېنېرلىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىم يوقاپ كېتىشى بولۇپ، 2004 - يىلى ئۆكتەبىردە ئىككى نەپەر خىتاي ئىنژېنېرى جەنۇبىي ۋەزىرىستان قەبىلە رايونىدا تالىبانلار تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنىپ قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى جەريانىدا ئۇلارنىڭ بىرى ئۆلگەن.