خەتتە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئىرېن خان مۇنداق دەيدۇ، " بۇ 5 نۇقتا يولغا قويۇلسا ئولىمپىك يىغىنى تەنتەربىيە ساھەسىدىكى ئىجابىي ئۇتۇقلىرىدىن خاتىرىلىنىپلا قالماي، ئۇزۇن مەزگىللەرگىچە كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى ئۇتۇقلىرىدىنمۇ خاتىرىلىنىدۇ".
كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى بۇ 5 نۇقتىلىق تەۋسىيە سىياسى سەۋەبلەردىن قولغا ئېلىنغان بارلىق مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىش، ساقچىلارنىڭ ئولىمپىك يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇنقى "تازىلاش" خاراكتېرلىك قولغا ئېلىش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىش، ئۆلۈم جازاسى مەسىلىسىدە ھەرىكەت قوللىنىپ، ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى توڭلىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئىرېن خان يەنە،مۇخبىرلارغا ئولىمپىك يىغىنىنى ئەركىن خەۋەر قىلىش ھوقۇقى بېرىشنى، 3 - ئايدا يۈز بەرگەن تىبەتتىكى خىتايغا قارشى ئىسياندا ئۆلتۈرۈلگەن ۋە قولغا ئېلىنغانلارنى ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
ئېرىن خان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق جۈملىدىن مەتبۇئات ئەركىنلىكىگە دائىر ۋەدىسىنى ماختىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئولىمپىك يىغىنى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە" سەلبىي تەسىر" كۆرسەتتى، دەپ قارايدىغانلىقىنى، بېيجىڭدا ئېلىپ بېرىلغان " تازىلاش" شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى جازالاش بۇنىڭ تىپىك مىسالى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
