بۈگۈن دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئولىمپىك باشلىنىشتىن بۇرۇن، تيەنئەنمېن ۋەقەسىگە چېتىلىپ قولغا ئېلىنغان مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. باياناتتا، نۆۋەتتە خىتايدا تيەنئەنمېن ۋەقەسى مەھكۇملىرىدىن 130 كىشى بارلىقى، بۇلارنى ئولىمپىكتىن ئاۋال قويۇپ بېرىش كېرەكلىكى، شۇ چاغدىلا خىتاينىڭ ئولىمپىكنى تاپشۇرىۋېلىشتا قىلغان ۋەدىسىگە ئەمەل قىلغان بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈنۈگۈن يەنى 1 - ئىيۇن كۈنى خوڭكوڭدىكى 600 كىشىلىك بىر گۇرۇپپا، 4 - ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ 19 - يىللىقىنى خاتىرىلىگەن. خاتىرىلەش پائالىيىتى خوڭكوڭ باغچىسىدىن ھۆكۈمەت بىناسىغا قاراپ ئۈن - تىنسىز يۈرۈش شەكلىدە داۋام قىلغان.
پائالىيەتچىلەر چېكىلىرىگە لاتا باغلاپ، 4 - ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە قۇربان بولغانلارغا ۋە سىچۈەندىكى يەر تەۋرەشتە قازا تاپقانلارغا ھۆرمەت بىلدۈرگەن. لوزۇنكىلاردا " 4 - ئىيۇن ۋەقەسىگە قايتا باھا بېرىلسۇن" دېگەن تەلەپ ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرىدىن Richard Tsoi بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن: " سىچۈەندە يەر تەۋرىدى، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆلدى. ئاپەتكە ياردەم بېرىش دېمەك، دېموكراتىيە تەلىپىنى توختىتىش بولماسلىقى كېرەك؛ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش دېمەك، پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇشنى توختىتىش بولماسلىقى كېرەك."
4 - ئىيۇن ھەرىكىتىنىڭ خاتىرە ھارپىسىدا يەنە، خىتاينىڭ سابىق دۆلەت رەھبەرلىرىدىن ياڭ شاڭكۇننىڭ تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى بىر شەخسىي مېھماندارچىلىق سورۇنىدا ئاشكارىلاپ قويغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالدى. رويتېرىسنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ياڭ شاڭكۈن ئۆز ئۆيىدىكى بىر مېھماندارچىلىق سورۇنىدا مېھمانلىرىغا تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 600 دىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
رويتېرىس بۇ خەۋەرنى خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە جەمئىيىتىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان بىر مەنبەگە ئاساسەن بىلدۈرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلىنىپ تارقاتقان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈنگە قەدەر تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى يوشۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى. ياڭ شاڭكۈن پاش قىلغان يۇقارقى مەلۇماتمۇ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن 10 يىل كېيىن مەتبۇئاتقا ئاشكارىلانغان.