نىلسون ماندېلا تېررورچىلار تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىلدى
مۇخبىرىمىز ۋەلى خەۋىرى
2008.07.02
2008.07.02
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئىمزا قويغان بۇ قانۇن بۇيىچە، جەنۇبىي ئافرىقىدا ئىرقىي كەمسىتىشكە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن دېموكراتىك ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ 27 يىل تۈرمىدە ياتقان، ئاخىر 1994 - يىلىدىن باشلاپ جەنۇبىي ئافرىقا پرېزىدېنتى بولغان، بۇ جەرياندا نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن نىلسون ماندېلا ئەمدى ئامېرىكا كۆچمەنلەر ئىدارىسى ۋە بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ تېررورچىلار تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىلدى.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئاق تەنلىكلەر ھاكىمىيىتى سوغۇقچىلىق ئۇرۇش دەۋرىدە، نىلسون ماندېلانى ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئافرىقا كونگىرىسىنى كوممۇنىست تەشكىلاتلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ ئەيىبلەپ تېررورچىلار تىىزىملىكىگە ئالدۇرغان ئىدى.









