ئولىمپىك كومىتېتى: بېيجىڭنىڭ ھاۋا بۇلغىنىش ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىك ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋاقتى كەلدى
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.07.08
2008.07.08
ۋەبرېگېن سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدىكى ئولىمپىك خەلقارا ئاخبارات مەركىزىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، ئولىمپىكنىڭ تەييارلىقى ئاخىرلاشقانلىقى،" ئەمدى ھەرىكەتكە ئۆتۈش ۋاقتى كەلگەنلىكى" ھەققىدە توختالدى.
ۋەبرېگېن، " بۇ دېگەنلىك بېرىلگەن ۋەدىدىكى مەتبۇئاتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن مەسىلىلەرنى بىجا كەلتۈرۈش دېگەنلىكتۇر " دەيدۇ. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ئولىمپىك يىغىنىنىڭ 8 - ئاۋغۇستتىكى ئېچىلىش مۇراسىمىدىن بۇرۇن بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك بىر قاتار مەسىلىلەر بار بولۇپ، بۇلار بېيجىڭنىڭ ھاۋا بۇلغىنىشى، مۇخبىرلارنىڭ خەۋەر بېرىش ئەركىنلىكى شۇنداقلا ئىككى يەر ئاستى پويىز لىنىيىسى بىلەن بىر تۆمۈر يول لىنىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تاماملاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ۋەبرېنگېن، ئولىمپىكنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى ماختىغان بولسىمۇ، لېكىن "بىر قىسىم كىچىك مەسىلىلەرنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقى"نى يوشۇرمىدى. نۆۋەتتىكى ئەڭ جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ھاۋاسىنى پاكىزلاش ئىشىدۇر.
خىتاي 20 - ئىيۇلدىن باشلاپ بېيجىڭ شەھىرىدە 2 مىليون ئاپتوموبىلنىڭ قاتنىشىنى توختىتىپلا قالماي، بېيجىڭ شەھىرى ۋە ئەتراپىدىكى بىر قىسىم سانائەت ئەسلىھەلىرىنى ۋاقتىنچە توختاتماقچى بولغان. خىتاي ئۆز ۋەدىسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشكە نازلىنىۋاتقان يەنە بىر مەسىلە 30 مىڭ مۇخبىرنىڭ ئەركىن خەۋەرچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىشىغا رۇخسەت قىلىش مەسىلىسى. بەزى چەتئەل تېلېۋىزىيە قاناللىرى خىتاي بىخەتەرلىك دائىرىلىرى بىلەن سۈنئىي ھەمراھ تارقىتىش ئاپتوموبىللىرىنىڭ بېيجىڭ شەھىرىدە ئەركىن ھەرىكەت قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن داۋالاشماقتا.